مېۋە ماكانى ئۈششۈكتە قالدى


2008.02.28

بۇ يىل ئۈششۈك سەۋەبلىك مېۋە ماكانى بولغان ئۇيغۇر يۇرتىنىڭ باغۋەنچىلىكىدە ئۈچ مىليارد يۈەنگە يېقىن زىيان كۆرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئۇيغۇر ئېلى ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن باشلانغان ئادەتتىن تاشقىرى سوغاق ھاۋا ھەمدە قار ئاپىتى سەۋەبلىك ئۈششۈك چۈشكەن مېۋىلىك باغلارنىڭ كۆلىمى يەتتە مىليون مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى باغلىرىنىڭ %54 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر،خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇب قىسمىدىكى باغلارنىڭ ئۈششۈكتە قېلىشى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، بۇ يىل بادام مەھسۇلاتى %70 ، ئۈرۈك، چىلان، ياڭاق قاتارلىق مەھسۇلاتلار %20 كە قەدەر تۆۋەنلەش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك ئىكەن.

قەشقەرنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن باغۋەنچىلىكنى گەۋدە قىلغان بەزى ناھىيە ھەم يېزىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ جايلاردا بىر ئايدىن ئۇزاق داۋام قىلغان قار ئاپىتى ھەم سوغاق ھاۋادا دېھقان چارۋىچىلار، تۇرالغۇ، تۇرمۇش، ئىسسىنىش ھەم ئوزۇقلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە قىيىنچىلىققا ئۇچراپلا قالماي، دېھقانچىلىق ھەم باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشتا ئېغىر زىيانغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، ئېغىر چىقىم قىلىپ مەجبۇرىي قۇرغان پارنىكلىرىنى، ئۆيلىرىنى قېلىن قار بېسىپ،ئەمدىلا مايسا بولغان كۆكتاتلىرى ئۈششۈپ ۋەيران بولغان، سىلىق بىلەن تىككەن مېۋە كۆچەتلىرى ئۈششۈپ دېھقانلارنى يەنىمۇ غەم باسقان ئىكەن.

بۇ ھەقتە، يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر دېھقان قار ۋە ئۈششۈك ئاپىتىدە قالغان دېھقانلارنىڭ ھالىنى، يېڭىسار ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان بۇ ناھىيىدە ئاساسلىق پارنىكلارنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى، شۇنداقلا، مەكىت ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئايال ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدە ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق، بىر خادىم بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەندىن كېيىن سوئاللىرىمىزغا قىسقىچە جاۋاب قىلدى.

ئاپەتكە ئۇچرىغان يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خەلقنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بۇ ناھىيىگە خېنەندىن يۆتكەپ كېلىنگەن بىر خىتاي كادىر،تېخى ئاساسىي قاتلامدىن ئەھۋال ئىگىلىمىگەنلىكىنى، ئاپەت ئەھۋالىدىن تېخى خەۋەردار ئەمەسلىكىنى، يۇرتىدىن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

قەشقەرنىڭ بىر قىسىم ئاپەت رايونىدىن ئىگىلىگىنىمىزدەك، گەرچە نۆۋەتتە ھەر قايسى ناھىيىلەر ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارنى ئۆز ‏- ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش نامىدا ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كەلگۈسى زىيانلىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سوغاق ھاۋا يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئۈششۈك ئاپىتىنىڭ ئېغىر بولغانلىقى سەۋەبلىك زىياننىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشكە يەنىلا بالدۇرلۇق قىلىدىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.