ئىلى ئوبلاستىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا پاش قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن ھېزىماخون، ئەينى چاغدا ئىككى ئۇيغۇر ياش تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھېزىماخوننىڭ ئۆلۈمىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ ئابدۇشۈكۈر نۇرۇللام، ھەسەنجان مۇساجان، نۇرمەمەت ئىسمائىل، ئابلىمىت مەمەت، ئابلىز ئوسمان قاتارلىق 7 ياشنى 1999 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 9 يىلدىن كېيىن، يەنى 2007 يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرى مەرھۇملارنىڭ قەبرىسىنى يۆتكەشنى بۇيرىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن 7 ياشنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەننىڭ يېقىن تۇغقىنى بۈگۈن ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن مەزكۈر ۋەقە ۋە قەبرە يۆتكەش جەريانى ھەققىدە بىزگە تەپسىلىي مەلۇماتلار ئاڭلاتتى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.