8 - نويابىر كۈنى قەشقەردە 5 ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىغا قارىتا ئىنكاسلار ھەم چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا ھەم ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا ئىزچىل تۈردە داۋام قىلماقتا. بۈگۈن يەنى 5 - نويابىر كۈنى ئۇيغۇر مائارىپ تور بېتىدە شائىرە زەينۇرە ئەيسا خانىمنىڭ " شېھىدلەر ئۆلمەس " ناملىق شېئىرى ئېلان قىلىندى. زەينۇرە ئەيسا 1944 -يىلى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيە ئاتلىق پولكىنىڭ دوختۇرى ئەسقەرجان سۇلايمانۇفنىڭ قىزى، ئۇ 1965 -يىلىدىن 1985 يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن،1985 -يىلىدىن باشلاپ تۈركىيىدە ياشاۋاتىدۇ.
زەينۇرە خانىم ئۆزىنىڭ شېھىدلەر ئۆلمەس ناملىق بۇ شېئىرىنى، قەشقەردە 5 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يازغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شەرقى تۈركىستاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنچە قاتتىق باستۇرۇشلىرىغا قارىماي، ئىزچىل كۆرۈلۈۋاتقان بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمى ئاندىن بۇ ياشلارنىڭ ساغلام ۋىجدانى ۋە پاك ئىمانى دەپ كۆرسەتتى.
زەينۇرە خانىم يەنە، ئەگەر بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭ يەر شارىدا ياشاۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرۇۋاتقان بولسا، بۇ بىر تەرەپتىن رابىيە قادىرغا ئوخشاش تالانت ئىگىلىرىنىڭ پىداكارلىقىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ۋىجدانلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پىداكارلىقىدىن بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
زەينۇرە خانىم يەنە، ئىسلامىي كىملىكنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئاساسلىق ۋە مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى؛ ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئاسسىمىلاتسىيېسىدىن قوغداشتا قورغان بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۈرەشلىرىدە، كۈچ ۋە جاسارەت مەنبەسى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇ پىكرىنى تۇرك شائىرلىرىدىن ئارىف نىھات ئاسيا نىڭ بىر شېئىرى بىلەن ئىپادىلىدى.
قەشقەردە ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ھەققىدىكى ئىنكاسلار پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىمۇ سەھىپە ئىگىلىدى. ئۇ سەھىپىدىكى مۇنازىرىدە، خىتاي- ئۇيغۇر توقۇنۇشىدا ھەقسىز تەرەپنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ئىنسان ئىرادىسىنى قورال كۈچىگە تايىنىپ بويسۇندۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجە بەرمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. (شۆھرەت ھوشۇر)