قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار دالا سەيلىسىگە چىقتى

تۈركىيىدە، كىشىلەر ئۆزئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىش، بىر - بىرىنى چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ياش - ئۆسمۈرلەرنى سۆيۈندۈرۈش مەقسىتى بىلەن ياز ئايلىرىدا دالا سەيلىسىگە چىقىپ، بىرلىكتە دالا يېمىكى يەيدۇ. باغچىلاردا، ئورمانلىقلاردا، ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرىدا، تاغ ئېتەكلىرىدە ۋە يايلاقلاردا دالا تامىقى يېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.08.09
Qeyseride-dala-seylisi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﻰ، ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻯ ﺳﺎﺭﻣﯩﺴﺎﻗﻠﻰ ﺳﯘ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﻻ ﺳﻪﻳﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯧﻤﻪﻙ ﻳﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ يىل، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار قەيسەرى سارمىساقلى سۇ ئامبىرىنىڭ بويىدا دالا يېمىكى يېدى. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە چوڭ كىچىك بولۇپ 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشتى، دالا يېمىكى ئۈچۈن پولو، كاۋاپ قاتارلىق تاماقلار تەييارلاندى .

يېمەك يېيىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن، ياش - ئۆسمۈرلەر ئارا ئالما يېيىش مۇسابىقىسى، قېتىق ئىچىش مۇسابىقىسى، سۇ چېچىش مۇسابىقىسى، ئۇزۇنغا ۋە ئېگىزگە سەكرەش مۇسابىقىسى، ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسى ۋە توپ مۇسابىقىسىغا ئوخشاش تۈرلۈك مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلدى.
Qeyseride-dala-seylisi-musabiqe-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﻰ، ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻯ ﺳﺎﺭﻣﯩﺴﺎﻗﻠﻰ ﺳﯘ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﻻ ﺳﻪﻳﻠﯩﺴﯩﺪﻩ، ﻳﺎﺵ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ پائالىيەت ئەتىگەن سائەت 8 يېرىمدىن، ئاخشام سائەت 8 گىچە داۋاملاشقان بولۇپ، پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ناھايىتى خوشال - خۇراملىق بىلەن ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

بىز بۇ دالا سەيلىسى پائالىيىتى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە دالا يېمىكىگە داخىل بولغان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.