قىلىچدار ئوغلى ئۈرۈمچى سەھنىلىرىدە كۈتۈلۈۋاتقاندا ئۈرۈمچىنىڭ ئارقا كوچىلىرىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر (2)

ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەر قېتىملىق چەتئەل دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ زىيارەتلىرى خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي خەلقىگە ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەت ئاتا قىلسا، يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارغا دىشۋارچىلىق ۋە دەرد-ئەلەم ئاتا قىلماقتا.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.01.21
patigul-ghulam-305.jpg غايىبلاردىن ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام.
RFA/Shohret Hoshur

تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى كامال قىلىچدار ئوغلىنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىمۇ بۇ ئەنئەنىنىڭ سىرتىدا قالمىدى. مەلۇم بولۇشىچە، قىلىچدار ئوغلى ئۈرۈمچىگە كېلىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، دۆلەتنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش ئېھتىمالى بار دەپ قارالغان نۇقتىلىق شەخس ۋە ئائىلىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا نەزەربەند قىلىنغان. نەزەربەندتىن خەۋەرسىز ياكى ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي كوچىغا چىققانلار، ئانىلار ۋە بالىلار بولۇشىغا قارىماي خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تىل-ھاقارەت ۋە تاياق-توقماقلىرىغا يولۇققان. ئەسلىدە 18‏-يانۋار كۈنى بىر قىسىم غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، ئەرزىيەت كادىرىنىڭ ۋەدىسىگە ئاساسەن شەھەرلىك ساقچىغا قاراپ يولغا چىققان بولۇپ، بۇ سەپەر ئۇلارنىڭ قاتتىق بىر مەيدان زورلۇق-زومبۇلۇق ۋە خورلۇققا يولۇقۇشىغا سەۋەب بولغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ۋەقەنىڭ جەريانىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.