قىرغىزىستان -ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى "سۈپەتلىك يېڭى سەۋىيە" گە كىردى


2007.10.02

قىرغىزىستان 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ئىتتىپاقچىسىغا ئايلانغاندىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ ، كۈندىن كۈنگە يېڭى سەۋىيىگە يەتمەكتە، نۆۋەتتە، قىرغىزىستان ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى بىردىن -بىر ھەربىي بازىسى جايلاشقان دۆلەت بولۇپ، ماناس ئايرودرومىدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ساقلىنىش بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئورۇنداشتىكى تايانچىلىق رولىنى ئۆتەپ كەلدى.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈلمەكتە

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قىرغىزىستان بىلەن ئەڭ دەسلەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيانقى 15 يىل ئىچىدە ئامېرىكا بۇ دۆلەتكە نۇرغۇن ئىقتىسادىي ياردەملەرنى بەردى. ھەتتا، قىرغىزىستان دۆلەت خامچوتىنىڭ مەلۇم قىسىمى ئامېرىكىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ھەل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكا مەركىزىي ئاسىيا جۈملىدىن قىرغىزىستاننىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتىغا ئىزچىل دىققەت ئېتىبارىنى بېرىپ كەلمەكتە.

2005 - يىلى، مارتتا سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېف يىقىتىلىپ، پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېف قىرغىزىستان ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئارىسىدا بىر قانچە قېتىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن، 28 - سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 62-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەدنان قارابايېفنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندالىزا رايىس بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ ۋاشىنگتون-بىشكەك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات يۈزلىنىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە.

قىرغىزىستاننىڭ "ئاكى پرەسس" ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت تورىدا، "ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ بارلىق ساھەلەر بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سۈپەتلىك يېڭى سەۋىيىگە كىرگەنلىكى" ھەققىدە بىلدۈرۈشى ئېلان قىلىنغان .

ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر بىلدۈرۈشىدە، قىرغىزىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا-ئىقتىساد ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى, بولۇپمۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دائىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلىرى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ، قىرغىزىستاننىڭ قىيىن ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققى قىلدۇرۇش ھەمدە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئارزۇسىنى قامداشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى مەلۇم. " ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە قىرغىزىستان ئىككى تەرەپ يۇقىرى سەۋىيىلىك ئۇچرىشىشىنى دائىم ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. ئىككى دۆلەت سودا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشىنىپ، ئىككى تەرەپ رامكىسى ھەمدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن مەركىزىي ئاسىيا ئارىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كېلىشىملىرى رامكىسى ئاستىدا مەزكۇر يۆنىلىش بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ"- دەپ تەكىتلەنگەن ئامېرىكا -قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىدە .

بۇ بىلدۈرۈشتە يەنە دېموكراتىك تەرەققىيات ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، " دېموكراتىك قىممەت ۋە ئىنسان ھوقۇقنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇش مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ نىشانى، شۇڭا بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىق داۋاملىشىدۇ" دەپ تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يەنە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدىكى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش بويىچە ھەمكارلىقلارنىڭمۇ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

تېررورىزمغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش تەكىتلەنگەن

مەزكۇر بىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتىسى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىق مەسىلىسى بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. " ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن قىرغىزىستان ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى سادىقلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي قايتا قۇرۇلۇشى بويىچە ئورتاق ھەمكارلىشىش خىزمىتىنى ئاكتىپ ئېلىپ بېرىشقا تەييار "- دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ مەزكۇر بىلدۈرۈشتە.

چۈنكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، 2005 - يىلى، ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا شاڭخەي گۇرۇھىدىكى رەھبەرلەر ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ھەربىي بازىسىنى تاقاش پوزىتسىيىلىرىنى بىلدۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆزبېكىستاندىكى ئامېرىكا بازىسى تاقالغان بولسىمۇ، بىراق قىرغىزىستاننىڭ ماناس ئايرودرومىدىكى "گەنسى" نامىدىكى ئامېرىكا بازىسىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەققىدە ۋاشىنگتون ۋە بىشكەك رەھبەرلىرى ئارىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ئىدى. ئەمما، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى تاقاشقا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ تېخى توختىمىغانلىقى شۇنىڭدەك يەنە قىرغىزىستاندا مۇنداق كەيپىياتلارنىڭ پەيدا قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

قىرغىزىستان ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىگە ئائىت تەشەببۇسىغا قوشۇلدى

29- سېنتەبىر كۈنى قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى خەدلى بىلەن كۆرۈشۈپ ، رايون خاراكتېرلىق بىخەتەرلىك ساھەسى بويىچە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان . ئارقىدىنلا قىرغىزىستان تەرەپ ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللارنى قارار قوبۇل قىلىنماي تۇرۇپ توشۇشقا قارشى كۈرەش قىلىش تەشەببۇسىغا قوشۇلغان ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندالىزا رايىس بىلەن قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەدنان قارابايېف بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەردە قول قويغان ، ۋاشىنگتون بىلەن بىشكەك ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم 20 نەچچە مەسىلىگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قىرغىزىستاننىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋە چېگرا ساقلىغۇچىلىرىنى ئالاھىدە تەربىيىلەش ھەمدە قىرغىزىستاندىكى يادرو ماتېرىياللىرىنى كونترول خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارمۇ بار.

ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر تەكلىپىگە قازاقىستان، ئۇكرائىنىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يېقىندا 20 نەچچە دۆلەت ئاۋاز قوشىدىكەن.

ۋاشىنگتون بىلەن بىشكەك ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ "سۈپەتلىك ھالدا يېڭى سەۋىيىگە كىرگەنلىكىنى" مۇئەييەنلەشتۈرىۋاتقاندا، 1-ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 58 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا تەبرىك نوتىسى تاپشۇردى. خۇ جىنتاۋ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، مۇستەقىللىقى، دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغدىشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك قىرغىزىستانغا تېخىمۇ بەكرەك ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.