0:00 / 0:00
دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندا ھازىرقى پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋنى قوللايدىغان ئاقجۇل پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، باقىيېۋنى پارتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىدى.
قۇرۇلتايغا، قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى رۇزىمەمەت باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
ئۆكتىچى گۇرۇھلار، ئاقجۇلنىڭ قۇرۇلۇشى باقىيېۋنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىدا تەرەپدارلىرىنى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەنقىدلىمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.