0:00 / 0:00
يېقىندا قىرغىزىستاننىڭ جالال ئاباد رايونىدا ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىلىرى بىلەن قىرغىز ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىشكەك دائىرىلىرى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى كۈچەيتىشكە كىرىشتى. پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋ بۇ ئىشقا ئۆزى بىۋاسىتە قول تىقىپ ئىشلىمەكتە.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.
