قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقى قوغداش كومىتېتىنىڭ رەھبىرى رامازان دىرىلدايېۋ بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت(2)

0:00 / 0:00
drildayef.jpg
رامىزان دىرىلدايېۋ ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا. RFA

قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ رەئىسى رامىزان دىرىلدايېۋ ئەپەندى قىرغىزىستاندىكى بىر قاتار ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رامازان دىرىلدايېۋنىڭ سۆزى بويىچە ئالغاندا ، ئۇ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئېتىبار بېرىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ قېتىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ھەم قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈشلەرنى ئېلان قىلغان.

رامازان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى لازىملىقى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇپ، بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزارا ھەمكارلىقى ۋە ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىرلىك ۋە ھەمكارلىقنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىمۇ بەزىدە بوشاڭلىق ۋە ئېتىبارسىزلىق ئەھۋالىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تۈپەيلىدىن دائىم ئۆز مەسىلىلىرى ھەققىدە دوكلاتلار ۋە ئەرىزلەرنى تەييارلاپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە سۇنۇشتا ئاجىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

"بالا يىغلىمىغىچە ئانا ئەمچەك سالماپتۇ " دېگەن ماقال ئۇيغۇرلاردىمۇ ۋە قىرغىزلاردىمۇ ئوخشاشلا بار، شۇڭا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى پىداكار بولۇش كېرەك،

13 يىلدىن بۇيان ئەسقەر ئاقايېۋ تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، قىرغىزىستاندا دېموكراتىك جەمىيەت قۇرۇشقا ھەسسە قوشقان رامىزان دىرىلدايېۋ ئاخىرىدا بۇنىڭدىن كېيىن قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدىكىدەك قورقۇشنى تۈگىتىپ، دادىل پائالىيەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل ئارزۇ-پىكىرلىرىنى قىرغىزىستان پرېزىدېنتىغا ۋە ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىغا سۇنۇشقا چاقىردى. قىرغىزلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى ئورتاق بولغان تۇغقان تۈركىي قېرىنداش خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ۋە باشقا قىرغىزىستان دېموكراتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رامازان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، "بالا يىغلىمىغىچە ئانا ئەمچەك سالماپتۇ " دېگەن ماقال ئۇيغۇرلاردىمۇ ۋە قىرغىزلاردىمۇ ئوخشاشلا بار، شۇڭا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى پىداكار بولۇش كېرەك، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار تېخىمۇ پىداكار بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، دۆلەت مەجلىسىگە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا دائىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە جۈملىدىن قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشى ،ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش كېرەك، ھەممە ئىش بىر قانچە ئادەمگىلا تايىنىپ قالسا بولمايدۇ.(ئۈمىدۋار)