0:00 / 0:00
قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى مەزكۇر دۆلەتتىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، قىرغىز دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمەت تىزىملىكىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە بىردىن - بىر ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئىتتىپاقى بۇ يىل ئۆكتەبىردە قۇرۇلتاي چاقىرىپ، يېڭى رەھبەرلىك ھەيئەتلىرىنى سايلاپ چىقماقچى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئىتتىپاق كومىتېتى قۇرۇلتاي ھازىرلىق خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان مەخسۇس كومىتېت قۇرۇپ چىققان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا قۇلاق سېلىڭ.