قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ئۇيغۇر مەدەنىيەت فوندى قۇردى


2008.01.29

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار يېقىندا بېشكەك شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ قارمىقىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت فوندى قۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ قېتىمقى قارار ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىنقى كۈنى چاقىرغان مەركىزى كېڭەش يىغىنىدا ماقۇللاندى ھەم مەدەنىيەت فوندىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى سايلاپ چىقىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدە يەنە ، ئىتتىپاق گېزىتىنىڭ تراژىنى كۆپەيتىش، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئەزاسى پەرھات تىلەندىبايېفنىڭ ياردەمچىسىنى سايلاش قاتارلىقلار بار ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.