0:00 / 0:00
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى بويىچە 50 مىڭدىن ئارتۇق دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاق جەمىيىتىنىڭ قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، يېڭى رەئىس ۋە رەھبىرىي ئورگىنىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا.
نامزاتلار بېكىتىلىپ بولغان بولۇپ، 27-ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىي سايلام بولىدۇ. ئاق ساقاللار كېڭىشى سايلام ۋە نامزاتلىق كۆرسىتىش ۋاقتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلايسىلەر.