قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرى قۇرۇلتاي چاقىرىپ، ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلدى

يېقىندا بىشكەكتە " ئاسابە"، "ئاتاماكان" قاتارلىق ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ قۇرۇلتىيى بولۇپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا 500 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.01

 " ئاسابە " پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى  ئازىمبەك بېكنازوروۋ بولۇپ، ئۇ قۇرۇلتايدا سۆز قىلىپ، پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ پارلامېنتنى ئۆزى كونترول قىلغانلىقى، قىرغىزىستاندا ئىنسان ھوقۇقى ۋە پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنىڭ كوپ چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
 
ئۆكتىچىلەر قانداق قىلغاندا قىرغىزىستاننى گۈللەندۈرۈش پىكىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە توققۇز تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ بۇنى ئورۇندىمىسا، كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندىنىڭ مەزكۇر مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.