قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەم تۈركلەرنىڭ قىرغىزىستان ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى

نۆۋەتتە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، قىرغىزىستاندا ئۆكتىچى كۈچلەر ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ، ۋەزىيەتنى ئاساسى جەھەتتىن كونترول قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قۇرمانبېك باقىيېف ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، قىرغىزىستان ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا. بۈگۈن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەم تۈركلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىشكەك شەھىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.04.09
Otta-koyduruwetilgen-Bazar-binasi-Bishkek-Qirghizistan-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﺘﻪ 7 - ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

نۆۋەتتە گەرچە قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت مەسئۇلى روزا ئوتانبايىۋا  قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچى ھەم ئەسكەرلەر ئارقىلىق ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ، پايتەخت بىشكەك قاتارلىق جايلاردا تىنچلىق ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان، ۋەزىيەت سەل تىنچلانغان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ قىرغىزىستاندىكى سودا سارايلىرى بۇلاڭ- تالاڭغا ئۇچرىغانلىقى ھەتتا بەزى دۇكانلارغا ئوت قويۇلۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

بىز قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەم قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار ھەم قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان تۈرك قېرىنداشلاردىن تېلېفون زىيارىتى ئارقىلىق ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەمما، ھازىرچە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى نۆۋەتتە قىرغىزىستاندا ۋەزىيەتنىڭ ئاساسەن تىنچلانغانلىقىنى، قىرغىزىستاندىكى خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ سودا سارايلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى، ئەمما قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق ۋەقەدە بەك چوڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان تۈرك سودىگىرى ھۈسەيىن ئەپەندى بىزگە، بۇ قېتىملىق ۋەقەدە پۈتكۈل دۇكانلارنىڭ تاقالغانلىقىنى، ھازىر بىشكەكتىكى تۈرك سودىگەرلىرىنىڭ دۇكانلىرىنى تېخى ئاچمىغانلىقىنى، بەزى تۈركلەرنىڭ دۇكانلىرى بۇلاڭ- تالاڭغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىنى كۆزىتىپ جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئۇيغۇر زىيالىيسى قىرغىزستانننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەم ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەتتىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى بايان قىلىپ، ھازىر ۋەزىيەت ئاساسەن تىنچلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ يەنىلا ۋەزىيەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىرقى مەسىلە يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيەتنى قانداق كونترول قىلىشى ھەم خەلققە بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلىشىغا باغلىق بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە رۇسىيە، خىتاي، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ قىرغىزىستان ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تۈنۈگۈن ئاقساراي بايانات بېرىپ، پرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ قىرغىزىستان ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىننىڭمۇ تۈنۈگۈن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت باشلىقى روزا ئوتانبايىۋا بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى مەتبۇئاتلاردا مەلۇم بولماقتا. خىتاينىڭ قوشنىسى بولغان قىرغىزىستاننىڭ ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بېرىلمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىمۇ تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، قىرغىزىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېزلىكتە تىنچلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.