قىرغىزىستاندا ئاساسىي قانۇن ئىمزالىنىپ، بايرام قىلىندى
2006.11.09
قىرغىزىستان ئوكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى نەتجىسىدە 9- نويابىر كۈنى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ يېڭى ئاساسىي قانۇننى رەسمىي تەستىقلىدى. قىرغىزىستان ئالىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ 15 سائەت تەنەپپۇس قىلماي تالاش-تارتىشلىرى نەتىجىسىدە بىردەك بېكىتىلگەن مەزكۇر ئاساسىي قانۇننىڭ تەستىقلىنىشىنى قىرغىزىستان خەلقى زور غەلىبە دەپ ھېسابلىدى شۇنىڭدەك 9-نويابىر كۈنىنى ئاساسىي قانۇن كۈنى دەپ بېكىتىپ بايرام ئۆتكۈزۈشتى.
بۇ ھەقتە بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام، بىشكەك شەھىرىدىكى ئالاتاۋ مەيدانىدىكى قاينام-تاشقىنلىق بايرام پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈۋاتقان نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋىرىنى ئاڭلاڭ.
©
2006 Radio Free Asia