بىشكەك شەھرىدە قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. يېقىندا ئۆكتىچى رەھبەرلىرىدىن بىرى فېلىكىس قۇلوف يىغىن چاقىرىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرىكەتلەر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان شۇنىڭدەك ئەگەردە پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېف ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى قارار قىلغان.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە، قىرغىزىستان خەلقى ئارىسىدا ھۆكۈمەتنى تەشكىللىك جىنايەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنلىك بىلەن ئەيىبلەش خاھىشلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان.
مەلۇمكى، يېقىندا ئۆكتىچى رەھبىرى قۇلوف، قىرغىزىستاننى رۇسىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى رۇسىيە رەھبەرلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىماقتا ئىكەن.
يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ قىرغىزىستان ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.