خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكە بولغان ئىنكاسلىرى

KYRGYZSTAN-APPOINTMENT-150.jpg

قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ئىنقىلاپنىڭ غەلىبە قىلىشى بىلەن نۆۋەتتە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تۈرلۈك ماقالىلار ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ قىرغىزىستاندىكى مەزكۇر ئىنقىلاۋىي ھەرىكەتنىڭ ئارقىسىدا كىمنىڭ بارلىقى، بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ خوشنا دۆلەتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى شۇنداقلا دېموكراتىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار ئاساسلىق مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى.

قىرغىزىستاندىكى بۇ ۋەقە، رۇسىيىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدا 18 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۈچىنچى قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئالدىدا گرۇزىيە بىلەن ئۇكرائىنىيىدىمۇ ئۆكتىچىلەر تىنچ ۋە دىموكراتىك يولدا رۇسىيە پەرەس رەھبەرلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھوقۇقنى قولغا ئالغان ئىدى. ئانالىزچىلار، بولۇپمۇ قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر غەلىبىسىنىڭ پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرگە ھەمدە ھۆكۈمرانلارغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان داڭلىق "گاردىئان گېزىتى" نىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدا، " بۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ كۈچى، قالغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دىكتاتورلىرىغا بىر سېگنال بولىدۇ" دەپ يېزىلغان. ماقالىدا يەنە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ھوقۇقنى قولىغا ئالغان چېغىدا، رۇسىيىنىڭ موسكۋا ئىلگىرى باشقۇرغان خوشنا دۆلەتلەردىكى قۇدرىتى ۋە ئابرويىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قەسەم قىلغانلىقىنى، ئەمەلىيەت بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە رۇسىيىنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى كۈچىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئاق ساراينىڭ غەلىبىسى، كرىمېلنىڭ مەغلۇبىيىتى

نۆۋەتتە يەنە بىر قىسىم ئانالىزچىلار قىرغىزىستاندىكى ئىنقىلاپنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا بولىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىۋاتقان بولۇپ، ھەتتا ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى ئەسقەر ئاقايېفنى 3 - قارار پرېزىدېنتلىققا ئۆزىنى كۆرسەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شۇنداقلا "گاردىئان گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان ماقالىدىمۇ "قىرغىزىستاندىكى بۇ ئىنقىلاپ، ئاق ساراينىڭ غەلىبىسى ۋە كرىمېلنىڭ مەغلۇبىيىتى بولدى" دەپ يېزىلغان. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ۋاشىنگتوننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئوخشاشلا قىرغىزىستاندا پەقەت دىموكراتىيىنى كۆرۈشنى خالىغانلىقىنى لېكىن بۇ ئىنقىلاپنىڭ پىلانلىغۇچىسى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىموكراتىك ئىنقىلاپنىڭ، جورج بۇش ھۆكۈمىتى تەكىتلىگەن " ئەركىنلىك ۋە دىموكراتىيىنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىش" دېگەن ستراتىگىيىلىك پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى شۇنداقلا ئۇكرائىنىيە ۋە گىرۇزىيىدىكى دىموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئەمدى ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچكەنلىكى يېزىلغان.

ئۇنىڭدا يەنە، ئامېرىكىنىڭ خېلىدىن بېرى قىرغىزىستاندىكى دىموكراتىك تەشكىلاتلارنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەنلىكى، مەسىلەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بولغان دىموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى، خەلقئارا جۇمھۇرىيەت ئىنىستىتوتى ۋە ياۋرو-ئاسىيا فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ سېربىيە، گرۇزىيە، ئۇكرائىنىيە ۋە بېشكېكلەردىكى ئۆكتىچى ھەرىكەتلەرنى قوللىغانلىقى يېزىلغان. شۇنداقلا 170 كە يېقىن تەرەققىيات ۋە دىموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش نامىدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قۇرغان ئىكەن.

ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى تەسىرى

ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىنىڭ ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە يەنە، قىرغىزىستاندىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2002 - يىلى بېشكېكتە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل نەشىر قىلىش ئۆيىنى قۇرۇپ، 60 كە يېقىن ھەر خىل نامدىكى گېزىتلەرنى بېسىپ تارقاتقان.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، قىرغىزىستاندا رۇسىيىدىن باشقا پەقەت ئامېرىكىنىڭلا ھەربىي بازىسى مەۋجۇت بولۇپ، ئامېرىكا قوشۇنىنى بۇ يەرگە ئافغانىستان ئۇرۇشى مەزگىلىدە كىرگۈزگەن ئىدى. مەزكۈر ماقالىدا ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەربىي بازىسىنىڭ ئەھمىيىتى ئانالىز قىلىنىپ، بۇ بازىنىڭ ھەممىدىن خىتاينىڭ چىشىغا تېگىدىغان پىسخولوگىيىلىك رولىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. چۈنكى قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگرىلىشىدىغان بولغاچقا بۇ خىتاينىڭ ئەندىشىسىنى قوزغايدىكەن.

خىتاينىڭ ئەندىشىسى

شۇ سەۋەپتىن خىتاي مەتبۇئاتلىرىمۇ قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قايتۇردى. خىتاينىڭ "يەرشارى گېزىتى" ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، " ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى چوقۇم ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرى پىلانلىغان ئاتالمىش ئىنقىلاپقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك" دەپ يازغان. شۇنداقلا "جياڭنەن گېزىتى" ئوچۇقلا ئامېرىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەرىكىتىنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتايغا توسقۇنلۇق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇنىڭدا يەنە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتە ئەڭ چوڭ رىقابەتكە دۇچ كەلگەنلىكى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گەرچە خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ۋەقەغە ھەر خىل ئىنكاسلارنى قايتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇنىڭغا بىر قەدەر ئېھتىياتچانلىق مۇئامىلە قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقى پەقەت قىرغىزىستاننىڭ مۇقىملىقنى ساقلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، قىرغىزىستان جەمئىيىتى ۋە ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم بولىشى، بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيىنىڭ ئىنكاسى

بۇ ئارىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، رۇسىيىنىڭ ئۆكتىچى رەھبەرلەرنى بۇرۇندىنلا ئوبدان تونۇيدىغانلىقىنى شۇ سەۋەپتىن رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېڭىدىن ھوقۇقنى قولغا ئالغان قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ۋە باش مىنىستىر قۇرمانبېك باقىيېف، قىرغىزىستاننىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە رۇسىيە بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)