قىرغىزىستاندىكى توقۇنۇش داۋاملاشماقتا

قىرغىزىستاننىڭ ئوش،جالالئاباد ئوبلاستلىرىدا يۈز بەرگەن مىللى توقۇنۇش 5 - كۈنگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە پەسىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگىنى يوق. ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 124 كە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 1609 غا يەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺯﺍﺕ
2010.06.14
Oshtiki-qachaqlargha-yardem-qiliwatqan-korunush-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﻮﺵ ﯞﻩ ﺟﺎﻻﻟﺌﺎﺑﺎﺩ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﺘﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ - ﺯﻩﺧﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئوش شەھىرىنىڭ مەركىزى قىسمى بىر ئاز تىنچىغان بولسىمۇ، شەھەر ئەتراپىدىكى مەھەللىلەردە ئېتىشىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، جالالئاباد شەھىرىدە بولسا قوراللىق توقۇنۇشنىڭ بارغانسىرى ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت باشچىسى روزا ئوتۇنبايىۋانىڭ رۇسىيىدىن ھەربىي ياردەم ئېلىش ئۆتۈنۈشى رەت قىلىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئومۇمى سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى ئىلان قىلىپ، 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ھەربىي سەپتىن قايتقانلارنى قايتا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشكە چاقىردى ھەمدە ھەربىي ھالەت ۋەزىپىسىنى ئۈتەۋاتقان ھەربىي، ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرگە قارىتا ئوق چىقىرىش ھوقوقى بەردى.

بۇ قېتىمقى توقۇنۇش نەتىجىسىدە 75 - 80 مىڭغىچە ئۆزبېك مىللىتىدىن بولغان قىرغىزىستان پۇقرالىرى ئۆزبېكىستاندا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى. پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئەنجان، نەمەنگان، پەرغانە قاتارلىق ۋىلايەتلەردە مۇساپىرلار لاگىرلىرىنى تەسىس قىلىپ بۇ قاچقۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرغان.

ئىتار ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە پرېزىدېنتى دىمىتىرى مېدۋىدىۋنىڭ تەكلىپى بىلەن كوللىكتىپ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى 14 - ئىيۇن كۈنى موسكۋادا قىرغىزىستاندىكى توقۇنۇشنى توختىتىشنىڭ چارە - ئاماللىرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە يىغىلغان.

بۇ قېتىمقى مىللى توقۇنۇش نەتىجىسىدە ئوش ئوبلاستىدىكى خەلقنى يىمەك - ئىچمەك بىلەن تەمىنلەيدىغان بارلىق بازار، سودا سارايلىرى تالان - تاراج قىلىنىپ كۆيدۈرۋىتىلگەنلىكى، يېقىلغۇ گاز ۋە ئېلېكتىر ئېنىرگىيىسى بىلەن تەمىنلەش توختىتىلغانلىقى سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە ئوش شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئېغىر دەرىجىدە ئاچارچىلىق يۈز بەردى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقى بىلەن بىشكەك، نارىن، ئىسسىقكۆل قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۆزلىكىدىن تەشكىللەنگەن ياردەم قىلىش ئورگانلىرى، ھەر قايسى مىللى مەدەنىيەت مەركەزلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى ئىئانە قىلغان ئۇن، ماي، نان، مېنىرال سۇ، تەييار كەسمە چۆپ قاتارلىق يىمەكلىكلەر 13 - ئىيۇندىن باشلاپ ئايروپىلان، ئاپتوموبىل قاتارلىق قاتناش ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئوش ئوبلاستىغا يەتكۈزۈلۈشكە باشلىدى.

تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 14 - ئىيۇن كەچكىچە يەتكۈزۈلگەن يىمەكلىكلەر 1000 توننىغا يەتكەن. بۈگۈن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتى ۋە ئۆزبېك مەدەنىيەت مەركىزى ئىئانە قىلغان 64 توننا يىمەكلىك ئوش ئوبلاستىغا ئەۋەتىلدى.
 
قىرغىزىستاننىڭ شىمالىي قىسمىنى مىۋە - چىۋە، كوكتات بىلەن تەمىنلەيدىغان ئوش، جالالئاباد قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار نەتىجىسىدە بىشكەك قاتارلىق شەھەرلەردە مال باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈپ كەتتى، بولۇپمۇ شوخلا، گىلاس قاتارلىق مىۋە، كوكتاتلارنىڭ باھاسىنىڭ بىر ھەسسىگە يېقىن ئۆسۈپ كەتكەنلىكى ۋە تەمىنلەش مەنبەلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى شەھەر ئاھالىلىرى ئارىسىدا ھەر تۈرلۈك ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا.

قىرغىزىستان دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە قانىلىنىڭ كەچكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەختتىن قوغلانغان سابىق پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيىفنىڭ تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان ئوغلى ماكسىم باقىيىف لوندۇندا خەلقئارالىق ساقچى قىسىملىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.