ئۇيغۇر ئايبېك پولاتوف قىرغىزىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ئالدىنقى كۈنى مەركىزى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئايبېك پولاتوفنى قىرغىزىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىدىن ئايبېك پولاتوفنى پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسىغا كىرىدىغان ئۇيغۇر نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.