پاكىستاننىڭ لال مەسچىتىدىكى توقۇنۇشنى كىم قوزغىدى؟

0:00 / 0:00

پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتىكى لال مەسچىت يەنى ئۇيغۇرچىدا قىزىل مەسچىت، دەپ ئاتلىدىغان مەسچىدتىكى تالىپلار بىلەن، پەرۋىز مۇشەررەپ ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى توقۇنۇش ئاز دېگەندە 10 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان قىزىل مەسچىدلىك تالىپلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە تەسلىم بولغان. بۇ قېتىمقى توقۇنۇش قىزىل مەسچىدلىك تالىپلارنىڭ ئىسلامئابادتىكى خىتاي پاھىشىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە خىتاي ج خ مىنىستىرى بۇ مەسىلىنى رەسمى ئوتتۇرىغا قويغان.

قىزىل مەسچىدلىك تالىپلار تەسلىم بولدى

پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىدىكى بىر قىسىمى قىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىزىل مەسچىدلىك 700 نەپەر تالىپ، بىر مەزگىللىك تىركىشىشتىن كېيىن سەيشەنبە كۈنى پاكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە تەسلىم بولدى.

تالىپلار ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە تەسلىم بولۇشتىن بۇرۇن پاكىستان قوراللىق كۈچلىرى مەسچىت ئەتراپىغا سىم توساقلارنى قۇرۇپ، مەسچىدتىكى تالىپلارنى دەرھال قورال تاشلاشقا چاقىرغان ۋە شۇ رايوندا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، مەسچىتكە ئېلېكتىر توكى بېرىشنى توختاتقان ئىدى.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرى قىزىل مەسچىدلىك تالىپلار بىلەن پەرۋىز مۇشەررەپنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئارىسىدا توقۇنۇش باشلانغاندىن بېرى، ئاز دېگەندە 10 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. لېكىن بەزى پاكىستان مەتبۇئاتلىرى توقۇنۇشتا 30 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەر ئىچىدە قىز تالىپلار، مۇخبىر، ئاخباراتچى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. قىزىل مەسچىت مەسئۇللىرى بولسا توقۇنۇشتا 15 ئادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستان ھۆكۈمىتى : ئۇلارنىڭ تەسلىم بولۇشتىن باشقا تاللاش يولى يوق

قىزىل مەسچىدلىك تالىپلار تەسلىم بولۇشتىن بۇرۇن پاكىستان ئۇچۇر مىنىستىرى تارىق ئەزىم، تالىپلارنىڭ تەسلىم بولۇشىدىن باشقا تاللاش يولى قالمىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئۇ، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا "بىز تالىپلارنىڭ ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەسلىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇلارنىڭ باشقا تاللاش يولى قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمىز،" دېگەن.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى مەسچىتنىڭ مەسئۇللىرىنى " دۆلەتكە خىيانەت قىلىش"، ۋە "ئىسلامنىڭ ئوبرازىغا قارا سۈركەش،"بىلەن ئەيىپلىدى. غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بولسا قىزىل مەسچىت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى پاكىستاندا تالىبان ئىستىلىدىكى ھاكىمىيەت قۇرۇپ، شەرىئەتنى يولغا قويماقچى بولغان رادىكال دىنىي ئۇنسۇرلارنىڭ ھەرىكىتى، دەپ باھا بېرىشمەكتە. خەۋەرلەرگە قارىغاندا پەرۋىز مۇشەررەپ ھۆكۈمىتى، پاكىستاندىكى ئىسلامى پارتىيىلەرنىڭ ياردىمىدە قىزىل مەسچىدتىكى تالىپلار بىلەن ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

تۈركىيىدىكى مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى ئارسلام تاش ئەپەندى پاكىستاندىكى ئىسلامى جامائەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان زاتلارنىڭ بىرى. ئۇ رادىئومىزنىڭ زىيارىتىگە بەرگەن جاۋابىدا، قىزىل مەسچىدنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

قىزىل مەسچىت ۋەقەسى پاكىستان تارىخىدىكى ئىسلامى جامائەت بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئېغىر توقۇنۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ۋەقە پاكىستاندىكى ئىسلامى گۇرۇھلاردا پرېزىدېنت پەرۋىز مۇشەررەپكە قارشى كەيپىيات كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە، بولۇپمۇ پرېزىدېنت مۇشەررەپ يېقىندا پاكىستان ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چاۋدرېنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن، پاكىستاندا مەيدانغا كەلگەن سىياسى داۋالغۇش تېخى بېسىقمىغان ئەھۋالدا يۈز بەردى. پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا ئۆكتىچىلەرنىڭ جىددى خىرىسىغا دۇچ كېلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

ۋەقە خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىگە چېتىلامدۇ ؟

كۈزەتكۈچىلەر، پاكىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ قىزىل مەسچىتكە ھۇجۇم قىلماسلىقتىكى سەۋەبى ھەققىدە توختۇلۇپ، پەرۋىز مۇشەررەپ ئەگەر قىزىل مەسچىتكە ھۇجۇم قىلسا، دىندارلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمىنىڭ ئۆچ ئېلىش نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن قورققان بولۇشى مۈمكىن.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا قىزىل مەسچىت ۋەقەسى بۇ مەسچىدتىكى تالىبانپەرەس ئۇنسۇرلار بىلەن پەرۋىز مۇشەررەپ ھۆكۈمىتى ئارىسىدا يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان سۈركىلىشنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارالماقتا. لېكىن مائارىپ فوندى جەمئىيىتىدىكى ئارسلام تاش ئەپەندى، بۇ ۋەقە خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىگە چېتىلىدىغانلىقىنى ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاينىڭ قىزىل مەسچىد تالىپلىرىنى باستۇرۇش ھەققىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي پاكىستاننى ئاگاھلاندۇرغان

پاكىستاندا چىقىدىغان " كۈندىلىك ۋاقتى گېزىتى" يېقىندا ئېلان قىلغان بىر باش ماقالىدا، قىزىل مەسچىدلىك تالىپلارنىڭ ئىسلامئابادتىكى بىر بەدەن ئۇگۇلاش ئۆيىدە ئىشلەيدىغان خىتاي ئاياللارنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى، خىتاي -پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىگە داغ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەزكۇر گېزىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاپتاپ خان شەرپو، ئۆتكەن ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلغاندا خىتاي ج خ مىنىستىرى جاۋ يوڭكاڭ، پاكىستاندا خىتايغا قارشى كەيپىيات كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئاپتاپ خان شەرپونىڭ دەككىسىنى بەرگەن.

" كۈندىلىك ۋاقتى گېزىتى،" جاۋ يوڭكاڭنىڭ قىزىل مەسچىدلىك تالىپلارنى " تېررورچىلار"، دەپ ئەيىپلىگەنلىكىنى ۋە " جىنايەتچىلەرنى" جازالاشنى تەلەپ قىلىپ، پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى ھەم خىتاي شىركەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، جىددى تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يازدى. قىزىل مەسچىدلىك تالىپلار بىلەن بولغان توقۇنۇش، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي ج خ مىنىستىرى جاۋ يوڭكاڭدىن " دەككىسىنى" يەپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن پارتىلىدى. (ئەركىن)