
پاكىستان ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ قىزىل مەسچىتنىڭ كونتروللىقىنى پۈتۈنلەي قولغا ئالغانلىقىنى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ مەسچىت ئىچىدە يوشۇرۇنغان مىلىتانلارنى تازىلاشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن پاكسىتان ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە، مەسچىت ئىچىدە مىلىتانلار تەرىپىدىن قالقان قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇلغان، يۈزلىگەن ئايال ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
بۇ ۋەقە پاكىستاندىكى دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ خىتايغا بولغان ئۈچمەنلىكنى كۈچەيتىشى مۇمكىن
ئانالىزچىلار، قىزىل مەسچىتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ دۆلەتتىكى دىنىي گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. قىزىل مەسچىت ۋەقەسىنىڭ، قىزىل مەسچىت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى گۆرۈگە ئېلىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىگە قاتناشقانلارنى جازالاش تەلىپىنىڭ ئارقىسىدا يۈز بەرگەنلىكىگە دىققەت قىلغان بەزى ئانالىزچىلار، بۇ ۋەقە پاكىستاندىكى دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ خىتايغا بولغان ئۈچمەنلىكنى كۈچەيتىشى مۇمكىن،دېيىشمەكتە.
گەرچە پاكىستان ھۆكۈمىتى، قىزىل مەسچىتتىكى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى، ھېلىمۇ مەسچىت ئىچىدىن، مەسچىت ئەتراپىدىكى پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىغا ئوق ئېتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ، قىزىل مەسچىتنىڭ ئىمامىي غازى ئابدۇلرەشىت بىلەن ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسدا مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىككى كۈنلۈك سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پاكىستان ئالاھىدە قىسىملىرىغا مەسچىتكە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پاكىستان ھەربىي قىسىملىرى مىلىتانلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىدىن ھەيران بولغان.
قىزىل مەسچىت ۋەقەسىنى قان تۆكمەي بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشقان
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ، پاكىستاندىكى دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىماسلىق ئۈچۈن، قىزىل مەسچىت ۋەقەسىنى قان تۆكمەي بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ مەسچىتگە ھۇجۇمىنى كىچىكتۈرگەن. لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ قىزىل مەسچىت مەسىلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئاللىقاچان پاكىستاندىكى رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاشقا باشلىغان. بۇ ۋەقە شۇنداقلا پاكىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەتنىڭ پەرۋىز مۇشەررەپ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر ئىتتىپاق قۇرۇشىغا سەۋەب بولغان.
ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى گرىف ۋىتنىڭ ئىسلام ئاباتتىن خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال ئۆلكىسىدە قوراللىق گۇرۇپپىلار، رايوندىكى ئاساسلىق تاش يولنى توراپ، بۇ يولدىكى قاتناشنى توختاتقان. دىنىي رەھبەرلەر خەلقنى ھۆكۈمەتنىڭ قىزىل مەسچىتگە قارىتا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىشقا چاقىرغان ھەمدە بەزى كىشىلەر رايوندىكى ئىككى خەلقئارالىق ياردەم تەشكىلاتىنىڭ ئىشخانىلىرىنى بۇلاڭ-تالاش قىلغان.
پاكىستاندىكى 30 ئەتراپىدا سىياسىي ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى، سابىق باش مىنسىتىر ناۋاز شەرىپ رەھبەرلىكىدە بىر ئىتتىپاق قۇرغان
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىزىل مەسچىت ۋەقەسى، پاكىستاندىكى رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلاردىن سىرت، سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەتنىڭمۇ پەرۋىز مۇشەررەپ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر تەشەببۇس باشلىتىشىغا سەۋەب بولغان. دېگەندەك پاكىستاندىكى 30 ئەتراپىدا سىياسىي ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى، سەككىز يىل بۇرۇن پەرۋىز مۇشەررەپ تەرىپىدىن ھاكىمىيەتتىن چۈشۈرۈلگەن، سابىق باش مىنسىتىر ناۋاز شەرىپ رەھبەرلىكىدە بىر ئىتتىپاق قۇرغان.
بەزى سىياسىي ئانالىزچىلار، قىزىل مەسچىت ۋەقەسى، پاكىستاندىكى دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشى مۇمكىن دەپ، پەرەز قىلىشماقتا. قىزىل مەسچىتتىكى توقۇنۇشلارنىڭ 7 خىتاي پۇقراسىنىڭ قىزىل مەسچىتتىكى دىنىي ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنىشى بىلەن باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئانالىزچىلار، قىزىل مەسچىتتە توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال رايونىغا جايلاشقان پەشاۋەر شەھىرى يېقىندا ئۈچ خىتاي پۇقراسىنىڭ نامەلۇم كىشلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بۇنىڭ بىر بىشارىتى دەپ كۆرسەتمەكتە.
پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى، پەشاۋەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ، قىزىل مەسچىتتىكى رادىكال مىلىتانلار بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەر تەرىپىدىن مەقسەتلىك ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلماقتا.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورچىسى مەزھار ئابباس قاتارلىق ئانالىزچىلار، پاكىستاندىكى دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ خىتايغا بولغان ئۈچمەنلىكىنىڭ خىلىلا بۇرۇن باشلانغانلىقىنى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قىزىل مەسچىت ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنىشىنىڭ، پاكىستاندىكى رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ، پرېزىدېنت مۇشەررەپ ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى يىرىكلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى دەپ كۆرسەتمەكتە.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 7 خىتاي پۇقراسىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي -پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلەشكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ ئۈچ خىتاي پۇقراسىنڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، پاكىستاندىكى 5000 ئەتراپىدا خىتاي پۇقراسىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشى توغرىسىدا پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپكە بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىغان. (ئۆمەر قانات)