قىزىل مەسچىت ۋەقەسى، پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە سەلبىي تەسىر كۈرسەتكەن
2007.07.16
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن قىزىل مەسچىتگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا پاكىستان ئارمىيىسىگە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ قىزىل مەسچىتگە قارىتا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، چارەك ئەسىردىن بۇيان پاكىستاندىكى رادىكال دىنىي ئىسلام گۇرۇپپىلىرى بىلەن پاكىستان ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ھەمكارلىقمۇ ئاخىرلاشقان.
7 خىتاي ئايال پاھىشىۋازلىق بىلەن شۇغۇللانغان دەپ گۆرۈگە ئېلىنغان
پاكىستان ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن ئاخىرلاشقان قىزىل مەسچىت ۋەقەسى، ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەت ھېسابلانغان پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە سەلبىي تەسىر كۈرسەتكەن. بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىرىكلىشىشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان كۆز قاراشلىرىغىمۇ تەسىر يەتكۈزگەن.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 12- ئىيۇل كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، قىزىل مەسچىتتىكى دىنىي ئوقۇغۇچىلار، ئىسلام ئاباتتىكى بىر بەدەن ئۇگىلاش ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، بۇ يەردە ئىشلەيدىغان 7 خىتاي ئايالنى پاھىشىۋازلىق بىلەن شۇغۇللانغان دەپ گۆرۈگە ئالغان مەزگىلدە، خىتايدىكى تور بەتلىرىدە نۇرغۇن كىشىلەر، پاكىستان ۋە پاكىستانلىقلارغا قارىتا سەلبىي كۆز قاراشلار بايان قىلىپ، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنى پاكىستانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ياكى پاكىستاننى ئىشغال قىلىشقا ئۈندىگەن.
خىتاي پۇقرالىرى قۇتۇلمىغىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن رەسمىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىلمايدۇ
قىزىل مەسچىتتكى توقۇنۇشلارنىڭ، 7 خىتاي پۇقراسىنىڭ قىزىل مەسچىتتىكى دىنىي ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنىشىنىڭ ئارقىسىدا باشلىغانلىقى، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنستىرى ئافتاپخان شېرپاۋ نىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپنىڭ قىزىل مەسچىتنى بازا قىلىۋالغان ئابدۇلرىشىت غازى يېتەكچىلىكىدىكى رادىكال دىنىي گۇرۇپپىغا قارشى پوزىتسىيسىنىڭ تېخىمۇ قاتتىقلىشىشى، پاكىستاندىكى نۇرغۇن كىشىلەردە بولۇپمۇ ، دىنىي قىسىملاردا پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قىزىل مەسچىتگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىدە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بېسىمىنىڭ تەسىرى بارلىقى توغرىسىدا كۆز قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن ھەر قانداق قىلىپ، قىزىل مەسچىتتىكى دىنىي ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان 7 خىتاي پۇقراسىنى قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي پۇقرالىرى قۇتۇلمىغىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن رەسمىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقى ھەققىدە پاكىستان تەرەپنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئانالىزچىلار، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ قىزىل مەسچىتكە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي رايونىدىكى پەشاۋۇر شەھىرىدە ئۈچ خىتاي پۇقراسىنىڭ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قىزىل مەسچىتتىكى رادىكال گۇرۇپپا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشلەرنىڭ ئۈچ ئېلىش ھەرىكىتى دەپ تەبىرلىمەكتە.
گەرچە پاكىستان دائىرىلىرى دەسلەپتە بۇ ھۇجۇمنىڭ بىر بۇلاڭچىلىق ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىنلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا، ھۇجۇمنىڭ قىزىل مەسچىتتىكى رادىكال دىنىي گۇرۇپپا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ ۋەقەنىڭ ئالدىن پىلانلانغان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكى بايان قىلىنماقتا
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىزىل مەسچىتتىكى دىنىي ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرۇش توغرىسىدا پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپ ئۈستىدىكى بېسىمى تېخىمۇ كۈچەيگەن. ئۇردۇ ئونۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى تەئەسسۇف ئەخمەتنىڭ بايان قىلىشىچە، پرېزىدېنت مۇشەررەپ قىزىل مەسچىتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەلىپى بىلەن قورشىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىي گۇرۇپپىلار خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىنتىقام ئالغان.
سىياسىي مۇلاھىزىچى راۋۇل بوسلنىڭ نىيۇز بىلىز گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ، پاكىستاندىكى رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ خىتايغا بولغان ئۈچمەنلىكى خىلى بۇرۇنلا باشلانغانلىقىنى، 7 خىتاي پۇقراسىنى گۆرۈگە ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىن پىلانلانغان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستاندىكى رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلار، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنستىرى ئافتاپخان شىرپاۋنىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا خىتاي پۇقرالىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يېغىنىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا تىرىشقان.
لېكىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە قىزىل مەسچىتتىكى دىنىي رادىكاللار باستۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما پاكىستاندىكى رادىكال دىنىي كۈچلەرنى يېغىشتۇرۇش تولىمۇ قېيىن بىر ئىش. ئۇلار، پەقەت ئىسلامئاباد ئەتراپىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانىنىڭ 5000 كىشىگە يىتىدىغانلىقىنى، قىزىل مەسچىت ۋەقەسى سەۋەبىدىن پاكىستاندىكى دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ خىتايلارغا بولغان ئۈچمەنلىكى كۈچەيگەن بىر پەيتتە، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرى ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىنى تولۇق ئورۇندىشىنىڭ ناھايىتىمۇ قېيىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستان ئارمىيىسى قىزىل مەسچىتنىڭ كونتروللىقىنى پۈتۈنلەي قولغا ئالغان
- خىتاينىڭ باش ئەلچىخانىسى ئىشچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
- پاكىستاننىڭ لال مەسچىتىدىكى توقۇنۇشنى كىم قوزغىدى؟
- پاكىستان قەبىلىلەر رايونىدىكى 22 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرەمدۇ ؟
- كەشمىر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى
- پاكىستاندا ئۆزبېك مىلىتانتلار بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە
- پاكىستاننىڭ گۇۋادار پورتىدا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
- خىتاي ئارمىيىسى چېگرىدىن چىقىپ دۇنياغا قەدەم باسماقتا
- ئامېرىكا-ھىنىدىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇھىتىدىكى خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتى
- ھىندىستان، خىتاي بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىكىنى، خىتاي، پاكىستان بىلەن دوسلۇقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى
- پاكىستاندىكى قەبىلىلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە
- مۇشەررەپنىڭ خىتاي زىيارىتى ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا