پاكىستاندا خىتاي پۇقرالىرى نىشانلانغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم يۈز بەردى


2007.07.19

پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپنىڭ قىزىل مەسچىتنى قورشاش ۋە مەسچىتكە ھۇجۇم قىلىش ئەمىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا بەرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققاندا سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، پاكىستاندىكى رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۈچ ئېلىش ئۈچۈن، پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى مۇمكىنلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇلار پاكىستاننىڭ پەشاۋۇر شەھىرىدە ئۈچ خىتاي ئىشچىسىنىڭ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، پاكىستاندىكى رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۈچ ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى دەپ كۆرسەتكەن.

پەيشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇب رايونىغا جايلاشقان خۇب شەھىرىدە پاكىستان ساقچى قىسىملىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدىكى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 36 كىشى ئۆلگەن.

ئاستىدىكى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ھۇجۇم نىشانى بولغان

پەيشەنبە كۈنى پاكىستاندا ئىككى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبى رايونىغا جايلاشقان خۇب شەھىرىدە پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدىكى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 30 كىشى ئۆلگەن.

پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ 7 سى ساقچى خادىمى بولۇپ، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار ئارىسىدا خىتاي پۇقراسى يوق ئىكەن.

پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى، خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمنىڭ ئۆتكەن ھەپتە پاكىستان ئارمىيىسى تەرىپىدىن قىزىل مەسچىتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتىن ئۈچ ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان رادىكال ئىسلام گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خۇب شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى غۇلام ئەلى لاشەھىر، غەرب خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، " بۇ ھۇجۇمنىڭ پاكىستان ساقچى ۋە ئارمىيىسىنى نىشان قىلغان رادىكال گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېنىق، سەككىز ساقچى خادىمى خىتاي دوستلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆز جانلىرىنى پىدا قىلدى" دېدى.

سىياسىي ئانالىزچىلار، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ئىسلامئابادتىكى قىزىل مەسچىتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، پاكىستاندىكى دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ بۇ دۆلەتتىكى خىتاي پۇقرالىرى ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە قاراتقان ھۇجۇمىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

"بەزى كىشىلەر پاكىستان بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلەرنى بۇزۇشقا تىرىشماقتا"

پاكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە غەربلىك سىياسىي ئانالىزچىلار، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرۈشنى ئۆزلىرىگە مەقسەت قىلغان مۇسۇلمان گۇرۇپپىلار ۋە پاكىستاندىكى قەبىلە جەڭچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تەسمىم ئەسلەم، پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، پاكىستان ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناھايىتىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، " بەزى كىشىلەر بۇ مۇناسىۋەتلەرنى بۇزۇشقا تىرىشماقتا" دېدى.

ئىككى دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەت ھېسابلانغان پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىسلامئابادتىكى بىر بەدەن ئۇگۇلاش ئۆيىدە ئىشلەيدىغان 7 خىتاي پۇقراسىنىڭ قىزىل مەسچىتتىكى دىنىي ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنىشى بىلەن يىرىكلىشىشكە باشلىغان. پاكىستان ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنى گۆرۈگە ئالغانلارنى جازالاش مەقسىدىدە قىزىل مەسچىتنى قورشىغانلىقى، پاكىستاندىكى دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. پاكىستان دائىرىلىرى، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ قىزىل مەسچىتكە قارشى ھەربىي ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيىتتە، پاكىستاننىڭ پەشاۋۇر شەھىرىدە ئۈچ خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ قىزىل مەسچىتكە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۈچ ئېلىش ھەرىكىتى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

سىياسىي ئانالىزچىلار، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپنىڭ بولۇپمۇ پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنستىرى ئافتاپ ئەخمەت شېرپاۋ نىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن، قىزىل مەسچىتتىكى گۇرۇپپىغا قارشى پوزىتسىيىسىنىڭ قاتتىقلىشىشى ۋە ئاخىرىدا پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ قىزىل مەسچىتكە قارىتا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى، پاكىستاندىكى دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۈچ ئېلىشقا ۋە پاكىستان ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرۈشكە ئۈندىشى مۇمكىن دەپ، پەرەز قىلىشقان ئىدى.

ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، پەيشەنبە كۈنى خىتاي ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم، ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك جىددىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن ھەمدە گەرچە پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇنلىغان مۇلاھىزىچىلار پەرەز قىلىشقاندەك، بۇ قېتىمقى ۋەقە پاكىستاندىكى مىڭلىغان خىتاي پۇقراسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئاسان بىر ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ قىزىل مەسچىتكە قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا قىزىل مەسچىتنىڭ ئىمامى غازى ئابدۇلرىشىت قاتارلىق ئونلىغان كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.