پاكىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرى نېمە ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ ؟


2007.07.20

XitayPuqrasi-200.jpg
ئۆلگەن 3 ئادامنىڭ بىرى دوختۇرخانىدا. 8 - ئىيۇل، 2007 one of the three Chinese nationals killed by unidentified gunmen on the outskirts of Peshawar, 08 July 2007./ AFP PHOTO/Tariq MAHMOOD

پاكىستاندىكى خىتاي نىشانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۇجۇملار دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. پاكىستاندا باشلانغان خىتاي ئۆچمەنلىكى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە ئاساسەن خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ تەرىپىدىن " ھەسەلدىنمۇ تاتلىق" دەپ تەسۋىرلەنگەن، پاكسىتان- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىش سەۋەبلىرى مۇنازىرە قىلىنماقتا.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ۋە پاكىستاندىكى دىنىي گۇرۇپپىلار ئارىسىدا قوزغالغان خىتاي ئۆچمەنلكىدىكى رولى

گەرچە دۇنيادىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا، پاكىستان ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشىدە ۋە پاكىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ قىزىل مەسچىتكە قارىتا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسمى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ پاكىستاندىكى دىنىي گۇررۇپپىلار ئىچىدە ياراتقان تەسىرى سەۋەب بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان بەزى مۇلاھىزە ۋە ماقالىلەردە، 2001 ‏- يىلى ئافغانىستاندىن قېچىپ پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدا پاناھلانغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ پاكىستاندىكى دىنىي گۇرۇپپىلار ئارىسىدا قوزغالغان خىتاي ئۈچمەنلكىدە ھەمدە پاكىستان ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان ئاتاقلىق تايمىز جۇرنىلىدا زاھىد ھۈسەيىن ۋە جېن ماككارتنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، ئىككى دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەت ھېسابلانغان خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ 2001‏- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئافغانىستاندىن قېچىپ پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدا پاناھلىنىپ، پاكىستاندىكى رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىشى بىلەن بۇزۇلۇشقا يۈز تۇتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، پاكىستاندىكى رادىكال مۇسۇلمان مىلىتانلار، پاكىستان ھۆكۈمىتى 2002‏- كەشمىردە قولغا چۈشكەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ بەزى رەھبەرلىرىنى ۋە ئىسمائىل سەمەت قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن قەسەم ئىچىشكەن. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2004‏- يىلى يانۋار ئېيىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى پاكىستان ھۆكۈمىتىگە، پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزاسى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تېزىملىكىنى بەرگەن. بۇ پائالىيەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پاكىستان ئارمىيىسى تەرىپىدىن ۋەزىرىستان رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

خىتاي ئىشچىلىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىمۇ ھۇجۇملارغا ئۇچرىماقتا

ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى خىتاي ئىشچىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۇجۇملار ئۈستىدىمۇ توختالغان ئاپتورلار، خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت بولۇش يولىدا ئىلگىرىلەپ، تەسىر دائىرىسىنى ئۆز چېگرىسى سىرتىغا كېڭەيتىش تەشەببۇسى، خىتاي نىشانلىرىغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۇجۇملاردا بەلگىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، پاكىستاندا خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم، خىتاي ھۆكۈمىتىگە چوڭ دۆلەت بولۇشنىڭ قېيىن توسالغۇلىرىنى ئەسلەتكەن.

ھىندىستاننىڭ نىيۇ كەرىلا خەۋەر تۇرىدا، شابىر چودرى تەرىپىدىن، پاكىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بولسا خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ تەرىپىدىن "ھەسەلدىنمۇ تاتلىق" دەپ تەرىپلەنگەن پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇزۇلۇشىدا، پاكىستان رازۋېتكا ئىدارىسىدىكى بىر قىسىم گۇرۇپپىلارنىڭ خىتاينىڭ بەزى رايونلىرىدىكى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ھەرىكەتلەرنى قوللىشى ۋە پاكىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاشلا پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپكە بېسىم ئىشلەتمەكتە

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قەبىلىلەر رايونىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاشلا پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپكە بېسىم ئىشلەتمەكتە. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن 2004‏- يىلى پاكىستاننىڭ جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىدا پاناھلانغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزالىرىغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ھەسەن مەخسۇمنى ئۆلتۈرگەن پرېزىدېنت پەرۋىز مۇشەررەپ، بۇ يىل يەنە ، جەنۇبىي ۋەزىرىستاندا پاناھلانغان ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەرگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

ئاپتورنىڭ ماقالىسىدە تەكىتلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ھەسەن مەخسۇمنىڭ، پاكىستان ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىدىن بىر نەچچە كۈن كېيىنلا يەنى 2004‏- يىلى 9‏- ئۆكتەبىر كۈنى جەنۇبىي ۋەزىرىستاندا ئىككى خىتاي ئېنجىنېرى گۆرۈگە ئېلىنغان. پاكىستان ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى جەريانىدا گۆرۈگە ئېلىنغان خىتاي ئىنجىنېرلىرىنىڭ بىرى ئۆلگەن ، يەنە بىرى ئېغىر يارىلانغان. گەرچە دەسلەپتە پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىنىڭ بەلۇچىستان قۇتۇلۇش ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزىنىڭ سۆزىنى ئۆزى رەت قىلىپ، پاكىستان بەلوچىستان قۇتۇلۇش ئارمىيىسى نامىدا بىر تەشكىلات مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى جاكارلىدى.

ماقالىسىدە، پاكىستاندا خىتاي ئىشچىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملارنىڭ خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن شابىر چودىرى، پاكىستاندىكى دىنىي گۇرۇپپىلار خىتاي ئىشچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، باشقا دۆلەتلەردىكى دىنىي ھەرىكەتلەرنى قوللىغانلىقىنى ئىسپاتلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەيدۇ. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.