ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ پۇل سىياسىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى


2007.05.10

Hkg570783-money-1-150.jpg
Xitayning pul nusxisi. < Some US lawmakers charge that Beijing has undervalued its currency by up to 40 percent in order to boost its exports and that this is a key reason for the snowballing bilateral US trade deficit that hit 232 billion dollars in 2006. AFP PHOTO/TEH ENG KOON >

خىتاينىڭ خەلق پۇلى سىياسىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى قىزىل رەقىمى، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئەڭ قول تۇتىۋاتقان نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ سودىدىكى قىزىل رەقەمنى تەڭشەش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى چارشەنبە كۈنى ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي پۇل سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا كارخانا ساھەسى ۋە ئەمگەك بازىرىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ھەققىدە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى، سودا مىنىستىرلىكى ۋە سودا ۋاكالەتچى ئىشخانىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن گۇۋاھلىق ئالدى.

ئامېرىكا - خىتاي سودىسىدىكى قىزىل رەقەم

چارشەنبە كۈنكى ئىسپات بېرىش يىغىنى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە ئەڭ قول تۇتىۋاتقان نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى قىزىل رەقىمى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خام چوت كومىتېتىنىڭ سودا گۇرۇپپىسى، پۇل - مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتى، سودا ۋە پەن - تېخنىكا گۇرۇپپىسى، ئېنېرگىيە ۋە سودا كومىتېتىنىڭ سودا، مۇلازىمەت ۋە ئىستېمالچىلارنى قوغداش گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئورگانلار ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا بۇش ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، ئامېرىكا كارخانا ساھەسىدىكى زاتلار، ۋە ئىشچىلار ۋەكىللىرى خىتاي پۇلى قىممىتىنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە ئىشچىلىرىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ھەققىدە توختالدى.

ئامېرىكا خۇسۇسي كارخانا ساھەسىدىكى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا سودا قىزىل رەقىمىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە خىتاي سەۋەبچى بولماقتا. ئامېرىكىدىكى پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ درېكتورى فرېد بېرگستېن، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەن تۇتۇپ، " باشقا دۆلەتلەرگە ئىشسىزلىقنى ئېكسپورت قىلىۋاتىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ پۇل سىياسىتى ئامېرىكا ئۇچۇن ئادىل بولمايۋاتىدۇ

بېرگستېننىڭ ئەسكەرتىشىچە، سودىدىكى پاسسىپ بالانىسنى قەدەممۇ - قەدەم تەڭشەش ئۈچۈن، خەلق پۇلى قىممىتىنى باشقا پۇللارغا نىسبەتەن ئاز دېگەندە % 15 ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ دېگەنلىك خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا سۇندۇرغاندىكى قىممىتى% 35 ئۆستى، دېگەنلىكتۇر. لېكىن بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى مارك سوبېلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆستۈرۈلگەن تەقدىردىمۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى قىزىل رەقىمىنى ئازايتىشقا چوڭ تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۈمكىن، دەپ قارايدىغانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ خەلق پۇلى سىياسىتى يەنىلا ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ھىساپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مارك سوبېل، "پەقەت خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەنلا ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا قىزىل رەقىمىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولمايدۇ شۇنداقلا خىتاي ئىقتىسادىدىكى غەيرى نورمال ئەھۋاللارنى تۈزەتكىلى بولمايدۇ. خىتاينىڭ زور سودا ئاكتىپ بالانىسىغا ئىگە بولۇشىدىكى تۈپكى سەۋەب خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ يالغۇز پۇل سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. خىتاي ئىقتىسادىنى ئېكسپورتقا تايىنىپ ئەمەس، ئىستىمالغا تايىنىپ كۈچەيتىش يولىدا تەرتىپكە سېلىش كېرەك،"دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا، خىتاينىڭ تۇتقان يولى ئۇچۇن جازالاش تەدبىرلىرى قوللىنىدىغانلىغىنى بىلدۈردى

مارك سوبېلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي پۇلنىڭ قىممىتىنى تەدرىجى قويۇۋېتىشنى سىياسەت نىشانى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ۋە يەر شارى ئىقتىسادىغا نىسبەتەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەدىمى يەنىلا ئاستا بولۇپ، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ پۇلنى قويۇۋېتىش قەدىمى بەك تېز بولۇپ كەتسە، خەتەرلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى، لېكىن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون، خىتاينىڭ قەدىمى بەك ئاستى بولۇپ كەتسە، بۇنىڭ خەتىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى سودا مىنىستىرى ستېۋ كلېيس، يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن بۇش ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىرى. ئۇ، سودا مىنىستىرلىكى سودىدا ئادالەتسىز قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىلسە جازالاش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقى، لېكىن خىتاينىڭ خەلق پۇلى سىياسىتى قوشۇمچە ياردەم پۇلى كاتىگورىيىسىگە ئېلىنمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن تارتىپ پولات تۆمۈرگىچە كارخانىلارغا ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن قوشۇمچە ياردەم پۇلى بەرمەكتە شۇنداقلا بۇ خىل قوشۇمچە ياردەم پۇلى خىتايدىن ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغان تاۋارلارنى ئادالەتسىز رىقابەت ئۈستۈنلىكى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

ستېۋ كلېيس،" ھۆكۈمەتنىڭ كارخانىلارنى قوشۇمچە ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلىشى، توۋار مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەركىن ئالمىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە يەرشارى سودا بازىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. ئامېرىكا كارخانىلىرى، ئىشچىلار ۋە دېھقانلىرى دۇنيانىڭ باشقا ھەر قانداق يېرىدىكى كىشىلەر بىلەن رىقابەتلەشسە بولىدۇ. لېكىن بىز ئۇلارنى ئۆز دۆلىتىدىكى كارخانىلارنى ھەر خىل قوشۇمچە ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيدىغان چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى بىلەن رىقابەتلىشىشى كېرەك، دەپ قارىمايمىز،" دەيدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالار، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەن باھادا تۇتۇش قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىشنىڭ بىر خىل شەكلى، دەپ قارىسىمۇ، لېكىن كلېيس، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى قوشۇمچە ياردەم پۇلى، دەپ قارىمىغانلىقىنى بىلدۈردى. كلېيسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ كارخانىلارغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىش قىلمىشىنى قەتئىي جازالايدىكەن.

ئامېرىكا سودا ۋاكالەتچىسى ئىشخانىسىنىڭ ياردەمچى ۋەكىلى دەن برىنزا، يىغىندا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن بۇيان، ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىنى ئىجرا قىلىش خاتىرىسىدە ياخشى ۋە يامان تەرەپلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللانماقتا. بىرى، مەسىلىلەرنى مۈمكىن بار سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىش. يەنە بىرى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنى ئىشقا سېلىشتۇر. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.