تىيەنجىندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەر،"- ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىڭلار...."
2007.05.22
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى يېزىلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش باھانىسىدا، توي قىلمىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن يۆتكىشى، ئۇيغۇر جامائىتىدە تۈرلۈك قىياس ھەم ئىنكاسلارنى قوزغاۋاتقان مۇرەككەپ بىر مەسىلىگە ئايلاندى.
بەزى غۇرۇرلۇق ئۇيغۇرلىرىمىز، قىزلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنماكتا
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى يۆتكەلگەن زاۋۇت ئادرىسلىرىنى تولۇق بەرمەسلىكى، ئىشچىلىققا ئاپىرىلغان قىزلارنىڭ تۈرلۈك بېسىملارغا ئۇچراپ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماسلىقىدەك مەسىلىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر پىلانىغا بولغان گۇمانىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقتا.
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيىتى، شۇ جايلاردا سودا ۋە باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، بەزىلەر ھەتتا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ ئۇرۇنۇپ كۆرگەن ئىكەن.
ئۇيغۇر جامائىتىگە مۇراجەت
يېقىندىن بۇيان، خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرى ۋە باشقا ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق بىزنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا يۆتكەپ كېتىلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ بېقىشىمىزنى ھەمدە بۇنى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يەتكۈزىشىمىزنى ئۆتۈنمەكتە.
نۆۋەتتە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا پىلانلىق يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تەقدىرى، ھەق - ھوقۇقلىرى مەسىلىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشلىق بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بولۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىگە ئايلاندى.
گەرچە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بارغان خىتاي زاۋۇتلىرىدا تۈرلۈك بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنكاس ۋە پىكىرلەرنى ئاڭلاپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلارنى ئىشلىتىۋاتقان خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ رەسمىي ئادرىسلىرىنى مەخپىي تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھەمدە زاۋۇتلارنىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچى قىزلارنىڭ سىرت بىلەن ئالاقە ئورنىتىش يوللىرىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى،بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىشەنچلىك ھەمدە تولۇق ئۇچۇر ئىگىلەش توسالغۇغا ئۇچراپ كەلمەكتە.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە، تيەنجىندە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ئايال سودىگەردىن بۇ ھەقتە مەلۇماتلارغا ئىگە بولدى ۋە كۆپچىلىكنىڭ خارلانغان قىزلارغا ياردەم قولىنى سۇنىشىنى ئۈندەيدۇ.
بىز مەزكۇر مەسىلىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئومىز ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق مەلۇماتلار يەتكۈزۈشىنى قايتا سورايمىز. رەھمەت. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشسىزلىق ھەققىدە سۆھبەت
- ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت
- سەندۇڭدا ئالدانغان بىر ئۇيغۇر ئەرنىڭ بايانى (1)
- خىتايدا خارلانغان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ بايانى
- كىم كىمنىڭ دۈشمىنى؟ (2)
- ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدا كەمسىتىلمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە، "2007 - يىللىق باھار شامىلى" ئۇيغۇرلارغا ئېغىر ئىشسىزلىق ئاقىۋەتىنى ئېلىپ كەلمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش پۇرسەتلىرىگە كىملەر ئىگە بولماقتا ؟
- خىتايدىن چەتئەللەرگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىۋاتقان ئىقتىدارلىق كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە
- خىتايدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى سىياسىي مەسىلىگە ئايلانماقتا
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەشكە ئەۋەتمەكتە