خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەشنى مۇددەتسىز داۋاملاشتۇرماقچى


2007.09.12

KASHGARQizla-200.jpg
قەشقەر كوچىلىرىدا كېتىپ بارغان ئۇيغۇر قىزلىرى. 2005 - يىلى 29 - مارت. AFP PHOTO

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ" ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش " نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ،تۈركۈملەپ خىتاي زاۋۇتلىرىغا يۆتكەۋاتقانلىقى ۋە بۇ جەرياندا بېسىم ئىشلىتىپ مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقى شۇنداقلا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە بارغان قىزلارنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىمايۋاتقانلىقىدەك مەسىلىلەر ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلە . خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى يېزىلارنى ئاساس قىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ سانىنى بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئىدى.

ئاشكارىلىنىشىچە ،بۇ خىل باھانە بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى مۇددەتسىز داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىغان ئىكەن.

خىتاي ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توختاۋسىز يۆتكىمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بۇ يىللىق پىلانىدا ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ، خوتەن ، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇدىن ئىبارەت جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈچ چوڭ ۋىلايەت ھەمدە بىر ئوبلاستتىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئىدى ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە بېرىلىۋاتقان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىغىچە مەزكۇر پىلاننىڭ %40.6 ى ئورۇنلىنىپ بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋەرلىرىدىن ، مەزكۇر سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق ئۇيغۇر قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا . چۈنكى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان ئىشلەمچىلەر سانىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر قىزلار ئىگىلەپ كەلدى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە -ھۆكۈمەت ئۇچۇر تورىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە ، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن خىتايغا قىزلارنى ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش يەنىلا ئوخشاش سۈرئەتتە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ،قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىن بۇ سېنتەبىرگە قەدەر 3481 ياش خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ ناھىيە بۇ يىل ئاخىرىغىچە يەنە 1500 ئەمگەك كۈچىنى داۋاملىق سىرتلارغا يۆتكىمەكچى ئىكەن.

پوسكام ناھىيىسىدىن ھازىرغا قەدەر 1301 ئەمگەك كۈچى سىرتلارغا يۆتكەلگەن. قەشقەر دائىرىلىرى ھەر بىر ناھىيە ھەم يېزىلارغىچە مەخسۇس خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچى يۆتكەشكە مەسئۇل ئىشخانىلارنى قۇرغان بولۇپ، مەخسۇس كادىرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللىق ئىشلەمچى يۆتكەش پىلانىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بۇيىچە ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر قىزلىرى ئەرزان قۇل قىلىنماقتا

بىز ئۇيغۇر يېزىلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ قانداق ئەمەلىيلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار ئېلىش ئۈچۈن قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا ، نامرات تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئامالسىز 21 ياش ۋە 17 ياشقا كىرگەن ئىككى قىزىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتكەن بىر دېھقان ئايال بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق . بۇ ئانا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىپ ئۆزىنىڭمۇ ، قىزلىرىنىڭمۇ پۇشايمان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى -ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىگەندە 18 ياشنى تۆۋەن ئۆلچەم قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما يېزىلاردا ساننى توشقۇزۇشقا ئالدىرىغان يەرلىك كادىرلار ئەمگەك يېشىغا توشمىغان 18 ياشتىن تۆۋەن قىزلارنىمۇ مەزكۇر سىياسەتنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرماقتا ئىكەن . ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى يىلدىن ‏- يىلغا ئاشۇرۇپ پىلانلاۋاتقان ھەم يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قاچانغىچە داۋام ئەتكۈزمەكچى؟

پوسكام ناھىيىلىك پارتكوم سېكرىتارى chen xuguang ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سىياسىتىنى مۇددەتسىز داۋام قىلدۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى:

-بۇ پوسكام ناھىيىلىك پارتكوممۇ؟

-شۇنداق نېمە ئىشىڭىز بار؟

‏- مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى.

‏- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ؟

‏- پوسكام ناھىيىسىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىشلىرى قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟

‏- ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

‏-ھازىرغا قەدەر بۇ ناھىيىدىن قانچىلىك ئىشلەمچى يۆتكەلدى؟ بۇ سىياسەتنى قاچانغىچە داۋاملاشتۇرماقچى بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟

‏- بۇ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئېنىق سانىنى دەپ بېرەلمەيمەن.ئەمما بۇ سىياسەت خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان چوڭ سىياسەت، شۇڭا داۋام قىلىۋاتىدۇ ھەم مۇددەتسىز داۋام قىلىدۇ. توختاپ قالمايدۇ . قالغاننى ئۆزىڭىز كېلىپ زىيارەت قىلىڭ.

-مەن ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن شۇڭا تېلېفون زىيارىتى قىلىۋاتىمەن.

‏- ئۇنداقتا تېخىمۇ دەپ بېرەلمەيمەن. چۈنكى بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق پرىنسىپىمىز بار ، سىلەرنىڭمۇ ھەم.

‏- بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان سىياسەتقۇ ،ئەجىبا بۇنىڭدا ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان مەخپىيەتلىك بارمۇ؟

- مۇشۇ يەرگە كېلىپ زىيارەت قىلىڭلار ، ھە....

ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىدىن دۇنيا خەۋەردار

مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئىلگىرى پروگراممىلاردا ئاڭلاتقىنىمىزدەك ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش جەريانىدا مەجبۇرىي يۆتكەش، شەرت قويۇپ يۆتكەش، ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپ ھالدا 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىمۇ ئىشلىتىشكە ئوخشاش قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەردە بولۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر قىزلارنى ئىشلىتىۋاتقان زاۋۇتلار بولسا ، ئىشچىلارنى 8 سائەتتىن كۆپ ئىشلىتىش، ئېغىر ئەمگەككە سېلىش، ئەركىنلىكىنى بوغۇش ، ۋاقتىدا مائاشىنى بەرمەسلىك ، روھىي ھەم جىسمانىي جەھەتتىن خورلۇققا ئۇچرىتىشتەك ئەمگەك قانۇنىي ھەمدە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھەرىكەتلىرىدىن خالىي ئەمەس.

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن شۇنداقلا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئاپىرىلغان قىزلاردىن بىۋاستە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىگە قارىتا نارازىلىقلارنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم ، ھەتتا خىتاي زاۋۇتلىرىغا بېرىپ خورلۇققا ئۇچرىغان بەزى قىزلار قېچىپمۇ كەلگەن شۇنداقلا ئىككى ئاي ئىلگىرى كۇچادا دېھقانلار ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم پائالىيەتچىلىرىمۇ بىردەك ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ، سىياسىي ، ئىقتىسادىي ھەق ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ،ئۇيغۇرلارنى ئېتنىك تازىلاش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە ھەمدە خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى ھەمدە ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.