
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلارنى ئاساس قىلىپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا ئاساسلىق قىسمى 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر قىزلاردىن تەركىپ تاپقان ئىشلەمچىلەرنى خىتاي زاۋۇتلىرىغا تۈركۈملەپ يۆتكىمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىدا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىغان ئىشلەمچىلەر بىر مىليون ئىككى يۈزمىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈلمەكچى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن خىتاي زاۋۇتلىرىغا يېرىم يىل ، بىر يىللىق توختام بىلەن ئاپىرىلغانلار يېنىپ كېلىشكە باشلىدى.
بۇلارنىڭ ئارىسىدا بارغان خىتاي زاۋۇتلىرىدا تۈرلۈك بېسىم ھەم جاپا مۇشەققەتلەرگە ئۇچراپ توختامى توشماي يېنىپ كېلىۋاتقان ھەتتا قېچىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس. قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن بىرىنچى تۈركۈمدە خىتاي زاۋۇتىغا ئىشلەمچىلىككە بېرىپ بالدۇر قېچىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان بىر ئۇيغۇر قىز مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ خىتاي ئۆلكىسىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ قىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى چىقىش قىلىپ بۇ قىزغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى قىسقارتىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مەزكۈر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر (داۋامى بار). (گۈلچېھرە)