خىتايغا بارغان ئىشلەمچى قىزلار نىمە ئۈگىنىپ كەلدى؟

0:00 / 0:00
KASHGAR-Qizla-200.jpg
قەشقەر كوچىلىرىدا كېتىپ بارغان ئۇيغۇر قىزلىرى. 2005 - يىلى 29 - مارت. AFP PHOTO

ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنڭ باھانىسىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا تۈركۈملەپ يۆتكەشنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرماقتا.

شۇنداقلا بۇ خىل سىياسەت بىلەن دەسلەپ خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ئېلىپ كېتىلگەن قىزلارنىڭ بەزىلىرى ئىش توختىمى توشۇپ نۆۋەت بىلەن يېنىپ كېلىۋاتقان بولسا بەزىلىرى قېچىپ كەلگەن. تۈرلۈك ئازاپ ۋە خورلۇققا چىدىماي يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن قىزلار بولسا ئىشلىگەن مائاشىنى ئالالمىغاندىن سىرت ئېغىر جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇر بولىۋاتقان ئىكەن.

ئالدىنقى كۈنىدىكى خەۋىرىمىزدە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم ناھىيىدىن خىتاي ئۆلكىسىدىكى بىر يىپ ئېگىرىش زاۋۇتىغا ئىشلەمچىلىككە ئاپىرىلغاندىن كېيىن زۇلۇم ھەم خورلۇققا چىدىماي بالدۇر قايتىپ كەلگەن بىر قىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ خىتايدىن قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر قىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ داۋامىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.