خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىيە ‏- ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە، يېزا خىزمەت يىغىنى ئاچتى. خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋەرلىرىدىن مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلى يېزىلىرىدا يولغا قويماقچى بولغان سىياسىتىدە" يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش" ئاساسلىق مۇھىم خىزمەت قاتارىدا داۋاملاشتۇرۇلىدىكەن.

خىتاينىڭ ئاتالمىش "كۈن نۇرى قۇرۇلۇشى"

گەرچە دېھقانلارنى دېھقانچىلىقتىن باشقا كەسپلەردە تەربىيىلەپ، سىرتقا يۆتكەپ ئىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى بىر تەدبىر ھېسابلانسىمۇ، ئەمما بۇ سىياسەت ئارقىلىق توي يېشىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق ھەم غۇلغۇلا پەيدا قىلىۋاتقان سەزگۈر بىر مەسىلىگە ئايلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىچە، بۇ يىل يېزىلاردىن يۆتكىلىدىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى بۇلتۇرقىدىنمۇ ئاشۇرماقچى بولۇپ، 2008 - يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى ئاساس قىلىپ يەنە بىر مىليون 500 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى سىرتلارغا يۆتكەيدىكەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى تەشۋىق قىلىنماقتا. بۇ يىغىندا " دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئىناقلىق قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش" قايتا تەكىتلەندى، ھەمدە بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزىلاردا يۈرگۈزمەكچى بولغان ئاساسلىق سىياسەت ھەمدە مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تونۇشتۇرۇلغان.

يىغىندا 2007 - يىللىق خىزمەتلىرى خۇلاسىلىنىپ، بۇ بىر يىلدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمى 3150 يۈەنگە يېتىپ، تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىچە ھېسابتا تۆت يۈز يۈەندىن ئېشىپ مەملىكەت بۇيىچە ئوتتۇرا سەۋىيىسىگە يېتىشىۋالدى دېيىلگەن شۇنداقلا بۇ تۇت يۈز يۈەندىن ئېشىشقا دېھقانلارنى زامانىۋىي يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشتىن باشقا دېھقانچىلىق كەسپىدىن باشقا كەسپلەرگە يۆتكەپ يەنى سىرتلارغا يۆتكەپ كىرىم قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرتكە بولدى دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2003 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات دېھقانلارنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈشتىكى ئىستراتېگىيىلىك تەدبىر سۈپىتىدە، ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان ئىدى. شۇنداقلا يىلدا پىلانلىق ھالدا دېھقانلارنى دېھقانچىلىقتىن باشقا كەسپلەردە قىسقا مەزگىللىق تەربىيىلەپ، يۇرتلىرىدىن باشقا جايلاردا، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسپ ۋە ۋاقىتلىق، پەسىللىك ئىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. بۇنى"كۈن نۇرى قۇرۇلۇشى" دەپ ئاتىدى. شۇنداقلا دېھقانلارنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈشتىكى ئىستراتېگىيىلىك پىلان دەپ كۆرسىتىلدى.

مەزكۈر سىياسەتنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەم ھۆكۈمەت نازارەتچىلىك قىلغان بولسا،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە مۇلازىمەت نازارىتى ۋە ھەر قايسى ئاساسىي قاتلام مەمۇرى ئورگانلىرى سىياسەتنىڭ يۈرۈشىشىدە ئاساسلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

سىرتلارغا يۆتكىگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ %80 تىن كۆپرەكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى، %50 ى ئاياللار

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى مىليون ئىككى يۈز مىڭ دېھقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ دىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت ھەمدە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى دېھقانلار بۇ رايوندىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %95 تىنى ئىگىلەيدۇ. خىتاي ستاتىستىكا تورىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردىن پىلانلىق ھالدا سىرتلارغا يۆتكىگەن ئەمگەك كۈچلىرى مۇشۇ ئۈچ ۋىلايەت ھەم بىر ئوبلاستىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ %80 تىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇر دېھقانلىرى، ئۇلارنىڭ يەنە %50 تىنى ئاياللار ئىگىلەپ كەلمەكتە ئىكەن.

مەلۇم بولغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى 2007 - يىلدا يەنىلا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ھەم ئوبلاستنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ سىرتلارغا يۆتكىگەن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم ‏- قېتىمغا يەتكۈزدى. خىتاي ھۆكۈمەت تور بېتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، "بىر ئائىلىدىن بىرنى يۆتكەش" كە كاپالەتلىك قىلىپ يېقىنقى ئۈچ يىلدا ھەر يىلى 300 مىڭ كىشىنى مۇقىم سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىز ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەدبىرى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان " سىرتلارغا يۆتكەش" سىياسىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا مەجبۇرىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس توي قىلمىغان 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر قىزلارنى تۈرلۈك شەرتلەر بىلەن تاللاپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ يۆتكىگەن. ھەمدە بۇ داۋاملاشماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللىق يېزا خىزمەت پىلانىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلى يېزىلىرىدىن يەنە بىر مىليون 500 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى سىرتلارغا يۆتكەيدىكەن.

ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى ئەمەلدار ھەم كادىرلار دېھقانلارغا بېسىم ئىشلەتكەن

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا،خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن پىلانلىغان ساننى يەنى ئادەم يۆتكەش ۋەزىپىسىنى تاماملاش جەريانىدا ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى ئەمەلدار ھەم كادىرلار دېھقانلارغا تۈرلۈك بېسىملارنى ئىشلەتكەن. خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈرلۈك يوسۇندا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر قىزلار، تونۇش، ياشاش مۇھىتى ھەم تىل مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قىينالغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئەمگەك ھەققى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان، كىشىلىك ھەق ‏- ھوقۇقلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە دەخلىگە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىكەن.

نۆۋەتتە بۇ مەسىلە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىغان بىر مەسىلە بولۇپلا قالماي، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىق، نوپۇس كونترول قىلىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش تۈسىنى ئالغان غەرەزلىك سىياسىتى " دەپ ئەيىبلەنمەكتە. (گۈلچېھرە)