خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يېڭىسار ناھىيىسىدىن 600 دىن ئارتۇق قىزلارنى ئاساس قىلغان ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئىزچىل تۈردە نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىتىراز بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھەر قايسى دەرىجىلىك يەرلىك ئەمەلدارلار قىزلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى مەجبۇرلاش، ھەتتا ھەر خىل تەھدىتلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىمەكتە. بىر مىللەتنى ئۆزى ياشاۋاتقان ئانا دىيارىدا ئىشلەش كۈچىگە ئىگە قىلماي، باشقا بىر يات مىللەت، يات مەدەنىيەت، يات ئۆرپ - ئادەت شارائىتىغا زورلاش، بولۇپمۇ ياش قىزلارنى ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىش ئارقىلىق خىزمەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىيالامدۇ ؟ بۇ قىزلار ھەقىقەتەن خىتاي تەشۋىق قىلغاندەك مەنپەئەتلەرگە ئېرىشەمدۇ؟
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتە ھازىرلىغان مەلۇماتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.