رابىيە قادىر: "خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكىشى، باي قىلىش ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى"
2008.03.12
يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بۇيىچە، 2008 - يىللىق پىلانىنى ئېلان قىلدى. پىلان بۇيىچە خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىرتلارغا يۆتكىلىدىغانلار يەنە بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭغا يەتكۈزىلىدىكەن.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر سىياسەتنى نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈشتىكى ياخشى تەدبىر دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر سىياسەتنى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ قوللىنىپ، بولۇپمۇ نىكاھ ۋە تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر قىزلارنى مەركەزلىك ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ يۆتكىشى، ئۇيغۇرلاردا تېخىمۇ گۇمان ھەم نارازىلىق قوزغىغان مەسىلىگە ئايلاندى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سىياسىتىنى "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئوچۇق - ئاشكارا ئېتنىك قىرغىنچىلىقى" دەپ تەرىپلەيدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە دىققەت بەرگەيسىلەر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا "ھەر يىلدا ھەر ئائىلىدىن بىرىنى سىرتقا يۆتكەش" سىياسىتىنى داۋام قىلماقتا
- 2008 - يىللىق ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش باشلاندى
- 2008 - يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلار بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈلمەكچى
- خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا يۆتكەش سىياسىتى قاتتىق نارازىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە
- رابىيە قادىر: "ئۇيغۇر دېھقانلارنى نامراتلاشتۇرۇۋاتقان - خىتاينىڭ يېزىلارغا قاراتقان سىياسىتى"
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى
- نۇر بەكرىنىڭ سۆزىگە ئىنكاسلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىللىق يېزا خىزمىتى پىلانىدا ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرماقچى
- قاغىلىقتىن 87 نەپەر ئۇيغۇر ياش چىڭداۋ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا
- خىتاي ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ھەر يىلى 300 مىڭ كىشىنى يۆتكىمەكچى
- قىزلار مەسىلىسى -- نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يولۇقىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى









