يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بۇيىچە، 2008 - يىللىق پىلانىنى ئېلان قىلدى. پىلان بۇيىچە خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىرتلارغا يۆتكىلىدىغانلار يەنە بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭغا يەتكۈزىلىدىكەن.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر سىياسەتنى نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈشتىكى ياخشى تەدبىر دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر سىياسەتنى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ قوللىنىپ، بولۇپمۇ نىكاھ ۋە تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر قىزلارنى مەركەزلىك ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ يۆتكىشى، ئۇيغۇرلاردا تېخىمۇ گۇمان ھەم نارازىلىق قوزغىغان مەسىلىگە ئايلاندى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سىياسىتىنى "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئوچۇق - ئاشكارا ئېتنىك قىرغىنچىلىقى" دەپ تەرىپلەيدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە دىققەت بەرگەيسىلەر.