ئامېرىكا : ئۇيغۇر قىزلارنى ئىچكىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەش ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ بىر تۈرى


2007.06.28

Lagon_2002-200.jpg
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، باش ئەلچى مارك لاگون. Ambassador Mark P. Lagon, Senior Advisor on Trafficking in Persons. Briefing: Release of the 2007 Trafficking in Persons Report. Photo from State department web site

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر قىزلارنى ئۇلارنىڭ رازىلىقىسىز، مەجبۇرىي ۋاستىلار بىلەن ئىچكىرىدىكى خىتاي كارخانىلىرىدا ھەقسىز ياكى ناھايىتى ئاز مائاش بىلەن ئىشلەشكە يۆتكەش ھەرىكىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىزلار مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇردى. ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر ئۇيغۇر قىزلار ئۇلارنىڭ رازىلىقىسىز مەۋجۈت شەرتلەردە ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان بولسا، بۇ ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ بىر تۈرىدۇر.

ئۇيغۇرلار قىزلارنى يۆتكەش ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە كىرەمدۇ ؟

كۆزەتكۈچىلەر، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر قىزلارنى ئۇلارنىڭ رازىلىقىسىز، مەجبۇرىي ۋاستىلار، تەھدىت ۋە غەيرى رەسمىي يوللار بىلەن ئىچكىرىدىكى خىتاي كارخانىلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلاش ھەرىكىتى، ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە كىرەمدۇ ؟ دېگەن مەسىلە، 2008 - يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتقان خىتاينىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خېلى بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. چۈنكى بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلاردا جىددىي ئەندىشە تۇغدۇرغان مەسىلە بولۇپلا قالماي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىنكاس بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك، دەپ قارايدىغان بىر مەسىلىگە ئايلاندى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، باش ئەلچى مارك لوگان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىك قىلمىشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر قىزلارنى مەۋجۈت شەرتلەر بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەشكە مەجبۇرىي يۆتكەش ھەرىكىتى راست بولسا، بۇ ئادەم ئەتكەسچىلىك قىلمىشىغا ياتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقان باش ئەلچى مارك لاگون، بۇ سۆزلەرنى جۈمە كۈنى ئىستانسىمىزنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇخبىرى، رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى شىنجاڭدىكى ناھىيە ۋە يېزا دەرىجىلىك يەرلىك دائىرىلەر ئۇيغۇر قىزلارنى ناھايىتى ئاز مائاش بىلەن ئىچكىرىدە ئىشلەشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، بۇنى رەت قىلغان ئاتا‏- ئانىلار ھاشارغا تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى. ئىگىلەشكە قارىغاندا قىزلارنى قولدىن - قولغا ئۆتكۈزىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن. ئامېرىكا بۇنى ئادەم ئەتكەسچىلىكى قاتارىدا كۆرەمدۇ ؟ دەپ سورىغاندا تەكىتلىدى.

مارك لاگون : بۇ مەسىلە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە كىرىدۇ

مارك لاگون، "ئەگەر بۇ سىز تەسۋىرلىگەندەك راست بولسا، بۇ مەسىلە ناھايىتى ئېنىقكى ، ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە كىرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ۋە شىنجاڭدا مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىكىنى باستۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. بىز شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كىشىلەر ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئېلىۋاتىمىز. مانا بۇ بىزنىڭ خىتاينى ئادەم ئەتكەسچىلىكىدە كۈزۈتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىمىزدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى " دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىكى يەرلىك دائىرىلەر يېقىندا رادىئومىزغا بۇ ناھىيىدىكى ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئىچكىرىگە مەجبۇرىي يولغا سېلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىش تېپىشىغا ئوتتۇرىدىكى دەللاللار كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋە قېچىپ چىققانلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ھاشارغا تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇيغۇر قىزلار مەسىلىسى شەنشىدە كىشىلەرنى قۇللار ئەمگىكىگە سالغان " قارا خۇمدان" ۋەقەسى خىتاي ۋە دۇنيادا زىل - زىلىە قوزغىغان شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەت مىقياسىدا "قانۇنسىز ئەمگەككە سېلىشقا " قارشى ھەرىكەت قوزغايدىغانلىقىنى جاكارلىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

ئامېرىكا قىزلار مەسىلىسىنىڭ راست - يالغانلىقىنى سورايدۇ

خوڭكوڭدىكى مۇخبىرىمىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋەقەسىدە نېمە ئىشلارنى قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغاندا، باش ئەلچى مارك لوگان، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كەڭ دائىرىلىك سۆھبىتىمىزدىكى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش قاتارلىق مەسىلىلەر قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇدىغان جىددىي مەسىلە. بىز يەنە، شىنجاڭدىكى خەلقلەرنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە دۇچ كېلىش مەسىلىسىنىڭ راست - يالغانلىقىنى سورايمىز " دەيدۇ.

خوڭكوڭدىكى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا تارقىتىلىدىغان مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بالىلار ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ جىددىي خرىسىغا دۇچ كەلمەكتە. خىتاي خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى خىتاي ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 77.0 پىرسەنتىنى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن ئادەم بىدىكلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇر بالىلار، ئومۇمى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بالىلارنىڭ % 13 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بۇ ھەقتىكى بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىچكىرىگە ئاپىرىپ سېتىلغان تىزىملىكتىكى بالىلار 4000 غا يېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ % 90 نى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئا ئۇ ج : بۇ بىر تەشكىللىك ئادەم ئەتكەسچىلىكى

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيت، ئۇيغۇر بالىلار ۋە قىزلار مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەت جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئېغىر مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى. لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك دائىرىلەر ئۇيغۇر قىزلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەشنىڭ، ئۇلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ياخشىلاش " ھۈنەر ئۆگىنىش" ىگە ياردەمچى بولۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. رايوندىكى رەسمىي مەتبۇئاتلار بولسا ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئىچكىرىدە ناھايىتى راھەت خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، "ھۈنەر ئۆگىنىۋاتقان" لىقىنى ۋە ئائىلىسىگە ئىقتىسادى ياردەمدە بولۇۋاتقانلىقىنى كەڭ - كۆلەمدە يېزىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان يەر شارى " ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى"دا، خىتاينى 2 - دەرىجىلىك كۈزۈتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، خىتاي يەر شارى ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسىنىڭ مەنبەسى بولۇپلا قالماي، ئادەم ئەتكەسچىلىك سودىسىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.