ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان قىزلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش پىلانى ئاخىرقى كۈنلەردە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئەڭ كۆپ تالاش - تارتىش قىلىدىغان مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ قالدى.

خىتاينىڭ بۇ پىلانىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ سىياسەت خىتاينىڭ ئاسسىمىلاتسىيە پىلانىنىڭ بىر قىسمىدۇر. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر سىياسەت ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ تەشۋىق قىلماقتا.

ئۇنداقتا بۇ سىياسەتكە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىياسىنلار قانداق قارايدۇ ؟ يېقىندىن ۋەتەندىن ئوتتۇرا ئاسىياغا چىققان ، لېكىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىي رادىئومىزغا ئۇيغۇر قىزلارنى يۆتكەش سىياسىتى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ تېمىدىكى سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلايسىز.