نۇر بەكرىنىڭ سۆزىگە ئىنكاسلار
2008.01.08

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى نۇر بەكرى، چەتئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتۈۋالغاندا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن بىرى قىزلىرى گۈزەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ چەتئەللىكلەرنى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. بۇ بايانات چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسى بىلەن كەلگەن ئەمەس، بەلكى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تەيىنلىشى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئىرادىسىگە خىلاپ باياناتلار بەرگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپپەت قارىشىغا خىلاپ باياناتلار بەرمىگەن، نۇر بەكرىنىڭ بۇ سۆزى، قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ مىللىي ئىرادىگە خىلاپ سۆز قىلىشىدىكى يەنە بىر رېكورد ھېسابلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى سۇئاللار - جاۋابلاردىن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىنى سىلەرگە سۇندۇق.
سوئال : سىز نۇر بەكرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟
جاۋاب : مەن چەتئەلدە ياشاۋاتقىنىمغا 10 يىل بولدى، دۇنيانىڭ بۈگۈن ئەڭ ئېچىۋېتىلگەن رايونىدىمۇ، ئەڭ زامانىۋىي دۆلەتلىرىدىمۇ، ئىپپەت مەسىلىسى يەنىلا نازۇك مەسىلە. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىدا، رايونىنىڭ تەرەققىياتى ياكى مىللىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن، قىزلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى بازارغا سالىدىغان ئادەت يوق، ئۇنداق ھادىسىمۇ يوق. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، نۇر بەكرى، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنى، دىنىي ئېتىقاد قاراشلىرىمىزنى، مىللىي ئەخلاق ئۆلچەملىرىمىزنى بىلمەيدىغان بىرسىلا ئەمەس، ئەقەللىي ئىنسانىي ئەخلاقتىنمۇ خەۋەرسىز بىرسى. مەن دەسلەپ بۇ سۆزنى چاخچاقمىكىن دەپ چۈشەندىم، ئەمما بۇ سۆزنىڭ كۈلگىدەك ھېچقانداق يېرى يوق. دېمەك ئۇ، سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى خاپا بولمايدىغان ھەر قانداق گەپنى قىلىشقا رازى. چۈنكى بۇ سۆز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي غۇرۇرىغا ھۇجۇم قىلسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقنى قوزغايدىغان گەپ ئەمەس. دېمەك، نۇر بەكرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نەپرەت قېلىشىغا رازىكى، خىتاي ئاكىلىرىنىڭ سالقىن قاراپ قېلىشىغا رازى ئەمەس. ئۇ بىلىمىنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن مۇخبىرلارغا جاۋاب بەرگىدەك گەپ تاپالمىغان، نەتىجىدە، قاۋاقخانىلاردا، بۇلۇڭ - پۇشقاقلاردا، پەسكەش ئىنسانلار ئېغىزغا ئېلىش مۇمكىن بولغان گەپلەر بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزگەن.
سوئال: نۇر بەكرىنىڭ بۇ سۆزى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەخلاقى چېكىنىشنى كۆرسىتىشى مۇمكىنمۇ؟
جاۋاب : ئۇنداق ئەمەس. ئۇيغۇر جەمئىيىتىلا ئەمەس، ھەر قانداق بىر جەمئىيەت بۇزۇلغان تەقدىردىمۇ، بۇ خىل تەشۋىقاتنى كۆتۈرۈپ چىقمايدۇ. بۇنىڭدىن بىر نەرسە مەلۇم، خىتايدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار، يۇقىرىغا يامىشىشنىڭ يولى، ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ يولى سۈپىتىدە قىزلارنى بازارغا سالىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت، بۇنىڭ خىتاي تارىخىدا ناھايىتى كۆپ مىساللىرى بار. بۇ ئۇيغۇر قورچاق ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي ئەمەلپەرەستلىرىدىن ئۆگىنىۋالغان بىر خوشامەت يولى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما نۇر بەكرى بۇنىمۇ توغرا ئۆگىنەلمىگەن، خىتايلارمۇ بۇ خىل تەشۋىقاتنى يەڭ ئىچىدە قىلىدۇ، ئاخبارات ۋاستىسى بىلەن ئېلان قىلمايدۇ.
سوئال: نۇر بەكرىنىڭ ئەشۇ سۆزىگە ئاساسەن ئۇنىڭ رەھبەرلىك لاياقىتىگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بولسا، ھېچ بولمىغاندا، بىر سايلام ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بولسا، نۇر بەكرى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەمەس، بىر كەنتنىڭ كەنت باشلىقى بولۇشقىمۇ شەرتى توشمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىشتىن يەنە بىر ئويلىغىنىم، خىتايلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى يارامسىز، غۇرورسىز ئىنسانلارنى تېپىپ چىقىشقا نەقەدەر ماھىر ئىكەنلىكىنىمۇ يەنە بىر تونۇپ يەتتىم.
نۇر بەكرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى دەپ ئاتىلىشقا مۇناسىپ ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكىرىگە توشۇلۇشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىغا قىلىنغان تاجاۋۇز دەپ قاراپ، بۇنى توسۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلىۋاتقان بىر شەخس. نۇر بەكرى تامامەن بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر قىزلىرىغا خېرىدار چاقىرغان. نۇر بەكرىنىڭ بۇ باياناتىنى، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، مىللىي رەھبەر بىلەن قورچاق رەھبەرنىڭ ماھىيەتلىك پەرقىنى ئاشكارىلىغان بىر پاكىت دەپ قاراشماقتا. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'شەھۋانىي ئۈن - سىن مەھسۇلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش' ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئىجرا قىلىنىشى ئۆزگىچە
- ۋاڭ لىشوڭنىڭ نەزىرىدىكى ساختا راي سىناش دوكلاتى
- ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن 2007 - يىلى قانداق بىر يىل بولدى؟
- قىزلار مەسىلىسى -- نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يولۇقىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى
- سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ - مېنىڭ غەربىي دىيارىم
- خىتاي ئەلچىخانىسى قىزلار مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇردى
- رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلار ئەتكەسچىلىكى توغرىسىدا ئىسپات بەردى
- ئامېرىكىلىق ئالىملار ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا توختالدى
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىنى تالان - تاراج قىلىش سىياسىتى كۈچەيمەكتە
- خىتايغا بارغان ئىشلەمچى قىزلار نىمە ئۈگىنىپ كەلدى؟
- خىتاينىڭ، "خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ باي قىلىش" تەشۋىقاتىغا ئۇيغۇرلار ئەمدى ئالدانمايدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەشنى مۇددەتسىز داۋاملاشتۇرماقچى