خىتاي ئەلچىخانىسى قىزلار مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇردى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مىللى ھەركىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئالدىنقى چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان خىتايدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پىلانلىق ۋە نىشانلىق ھالدا، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ باۋدۇڭ تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۈزلىرىنى رەت قىلغان.

دىلشات رىشىت: ئۇچۇرنى ۋاڭ لېچۇەن بەردى

ۋاڭ باۋدۇڭ سۆزىدە مۇنداق دېگەن، "جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تەكشى ئەمەس، شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇپ خىزمەت تېپىشى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىش، بۇ جەرياندا، ئايرىم كىشىلەر قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىپ قويغان، بەزى ئىش ئورۇنلىرى ئىشچىلارغا يولسىزلىق قىلىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ئەمەس". ۋاڭ باۋدۇڭ يەنە،" قانۇنسىز كىشىلەر ئىش تېپىپ بېرىش، پۇل تېپىش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىش قاتارلىق ۋەدىلەر بىلەن ئالدامچىلىق قىلىدىغان ئەھۋاللارنى قەتئىي يوق دېيەلمەيمەن. بۇنداق قىلمىشلارغا جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ قارشى؛ ئەگەر ئادەم يۆتكەش ئىشىنى ھۆكۈمەت قىلغان بولسا كونكرېت سانلىق مەلۇماتلار بولغان بولاتتى" دېگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ مۇخبىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنى زىيارەت قىلغىنىدا، دىلشات رىشىت، قىزلار مەسىلىسىگە ئائىت پلان، ئىجرا ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ دوكلاتىدىن ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

" ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش شەرقى تۈركىستاننى كونترول قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى "

ئادەتتە چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن، سەۋەب، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پائالىيىتىنىڭ خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىدە كۈنتەرتىپ ئىگىلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن ئىدى؛ شۇڭا ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قىزلار مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇشى دىققەتكە ئەرزىيدىغان بىر نۇقتىدۇر.

بۇ نۆۋەت خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرۇشى، ئالدىنقى چارشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا ئامېرىكا تەرەپنىڭ قىزلار مەسىلىسىدىكى جىددىي پوزىتسىيىسى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ كۈنكى يىغىندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى توسۇش ۋە نازارەت قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىغى، مارك لېيگون ئەپەندى سۆز قىلىپ، " ئەگەر، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ قىزلار مەسىلىسى ھەققىدە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئومۇميۈزلۈك نەزەر تاشلانسا، قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىشى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاننى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمىدەك كۆرىنىدۇ" دېگەن ئىدى.

ۋاڭ باۋدۇڭ رابىيە قادىر خانىم ئۈستىدە توختىلىپ، " رابىيە قادىر بۆلگۈنچى، ئۇنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلەپ قىلغان سۆزلىرىگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ" دېگەن. ئۆتكەن ھەپتىدىكى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن كىرىستوفېر سمىت بولسا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ۋە قايىل قىلارلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، ئۆزىنىڭ " نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن كەڭ كۆلەملىك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ھالدا ئىرقىي تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

" ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا يۆتكەش ئېتنىك قىرغىنچىلىق "

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1946 ‏-يىلى 96 ‏- نومۇرلۇق قارارى بىلەن، خەلقئارا ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش جازالاش قانۇنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ قانۇندا ئېتنىك قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى دەپ بەلگىلەنگەن، بەش تۈرلۈك قىلمىشنىڭ ئىككىسى تۆۋەندىكىچە:

بىرى، بىر مىللەتنىڭ فىزىكىي مەۋجۇدىيىتىنى قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن شۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى قەستەن ئۆزگەرتىۋېتىش، يەنە بىرى بولسا مەلۇم بىر مىللەتكە تەۋە بالىلارنى مەجبۇرىي ھالدا باشقا بىر مىللەت ئارىسىغا يۆتكەش. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سمىت، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايغا يۆتكۈلۈشىنى ئېتنىك قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىغاندا، خەلقئارا ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى چەكلەش قانۇنىنىڭ يۇقىرىقى ماددىلىرىنى نەزەردە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا توشۇشقا قارشى تۇرغان ئائىلىلەرگە، قوللىنىلغان ھاشارغا ئېلىپ مېڭىش قاتارلىق جازا تۈرلىرىنى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا يۆتكەشنىڭ بىۋاستە مەجبۇرلاش چارىسى دەپ قارىسا؛ قارشىلىق كۆرسەتمىگەن ئائىلىلەردىكى ئىقتىسادىي موھتاجلىقنى بولسا، خىتاينىڭ ۋاسىتىلىك مەجبۇرلاش چارىسى دەپ قارايدۇ. (شۆھرەت ھوشۇر)