ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا، زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كەتمەكتە. بۇ ئەھۋال چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە زىيالىلارنىڭ قاتتىق ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.

ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى فرانكفۇرت شۆبىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچى كۈرەش ئاتىخان ئەپەندى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلە ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، " قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى بارغانچە قاراڭغۇلاشماقتا " دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ يازغۇچى كۈرەش ئاتىخان ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى دىققىتىڭىزگە سۇنىمىز.

يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.