قەشقەرلىك سودىگەر: "ئۇ قىزلار تيەنجىنگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىنگەن..."

2007-05-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

KASHGAR-qizla-200.jpg
مانا بۇ سۈرەتتىكىدەك ئۇيغۇر قىزلىرى، ئىچكىرىدە سەرسان بولماقتا. بۇ كۆرۈنۈش، قەشقەرنىڭ كوچىلىرىدا كېتىپ بارغان ئىككى ياش قىز. Uighur Muslim women push their bicycles along a street in old Kashgar, 29 March 2005 / AFP PHOTO/Robert J. SAIGET

يېقىندا قەشقەر دائىرىلىرى ئۆتكەن بىر يىلدا يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش پىلانى بۇيىچە،قەشقەر ۋىلايىتىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ 560 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بۇ سان داۋاملىق ئۆرلىمەكتە. ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيىلىرىدىن ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ كۆپ ساندىكىسى 18 ياش ئەتراپىدىكى قىزلار بولۇپ، ئاساسەن تيەنجىن ھەمدە چىڭداۋ قاتارلىق شەھەرلەردىكى زاۋۇتلارغا يولغا سېلىنغان.

يېقىندا، تىيەنجىندىكى بىر ئۇيغۇر سودىگەر، ئۆزىنىڭ يۇرتىدىنمۇ بىر تۈركۈم قىزلارنىڭ تىيەنجىندىكى مەلۇم زاۋۇتقا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى يوقلاپ چىققىنىدا، بۇ قىزلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تېخى قورامىغا يەتمىگەن، ئاساسەن مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىنگەن قىزلار ئىكەنلىكى ھەمدە زاۋۇتنىڭ ئۇلار بىلەن توختام تۈزگەندە ساختىلىق ئىشلەتكەنلىكىدەك ئەھۋاللارنى بايقىغان.

بۇ يىگىتنىڭ ئىشلەمچىلىككە بارغان قەشقەر قىزلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يەنە نېمىلەرنى ئىگىلىگەنلىكى ھەققىدە، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇر سودىگەر بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىگە دىققەت بەرگەيسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت