
يېقىندا قەشقەر دائىرىلىرى ئۆتكەن بىر يىلدا يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش پىلانى بۇيىچە،قەشقەر ۋىلايىتىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ 560 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بۇ سان داۋاملىق ئۆرلىمەكتە. ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيىلىرىدىن ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ كۆپ ساندىكىسى 18 ياش ئەتراپىدىكى قىزلار بولۇپ، ئاساسەن تيەنجىن ھەمدە چىڭداۋ قاتارلىق شەھەرلەردىكى زاۋۇتلارغا يولغا سېلىنغان.
يېقىندا، تىيەنجىندىكى بىر ئۇيغۇر سودىگەر، ئۆزىنىڭ يۇرتىدىنمۇ بىر تۈركۈم قىزلارنىڭ تىيەنجىندىكى مەلۇم زاۋۇتقا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى يوقلاپ چىققىنىدا، بۇ قىزلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تېخى قورامىغا يەتمىگەن، ئاساسەن مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىنگەن قىزلار ئىكەنلىكى ھەمدە زاۋۇتنىڭ ئۇلار بىلەن توختام تۈزگەندە ساختىلىق ئىشلەتكەنلىكىدەك ئەھۋاللارنى بايقىغان.
بۇ يىگىتنىڭ ئىشلەمچىلىككە بارغان قەشقەر قىزلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يەنە نېمىلەرنى ئىگىلىگەنلىكى ھەققىدە، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇر سودىگەر بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىگە دىققەت بەرگەيسىز.