تىيەنجىندىكى ئۇيغۇر ئىشچى قىزلارنى خىتاي سوت خادىمى نازارەت قىلماقتا


2007.06.04

خىتاي ھۆكۈمىتى، پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ خىتاي سوتچىسىنى تيەنجىن شەھىرىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى نازارەت قىلىشقا قوشۇپ ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا مۇلاھىزە قوزغىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېشىنچى ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئەۋەتىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھەتتا مەھبۇسلاردەك قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر قىز ئاتىكەم، خورلۇققا ئۇچرىغان

بۇ ئارىدا " شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ " 29 ‏- ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنجىن شەھەرلىك توقۇمچىلىق ھەسسىدارلىق شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى باشقۇررۇش ئۈچۈن، پەيزىۋات ناھىيىلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى دىلو تۇرغۇزۇش كوللىگىيىسىنىڭ باشلىقى لۇئەن زوخۇڭ ئىسىملىك بىر خىتاي ئايالنى بىرگە قوشۇپ ئەۋەتكەنلىكى، سوت مەھكىمىسىنىڭ مەزكۈر ئەمەلدارىنىڭ 3 يىلغىچە تيەنجىن شەھىرىدە تۇرۇپ، زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر قىزلارنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

خەۋەردە، ئاتىكەم ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ھورۇنلۇق قىلىپ ياخشى ئىشلىمىگەنلىكىنى، بۇنى كۆرگەن سوت ئەمەلدارى لۇئەن زوخۇڭنىڭ قاتتىق خاپا بولۇپ، " بۇنداق ھورۇنلۇق قىلساڭ، ساڭا ئۆچ بولۇپ قالىمەن جۇمۇ" دەپ تەھدىت سالغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئەمما خەۋەردە ئاتىكەمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىشلىمىگەنلىك سەۋەبى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىي ۋە پائالىيەتچىلەر، ئاتىكەمنىڭ بەلكى كۆپ ئىشلەپ چارچاپ كەتكەنلىكىنى ياكى بولمىسا كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىق سەۋەبلىرىدىن ياخشى ئىشلىيەلمىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

ئۇيغۇر قىزلار ئېغىر بېسىم ئاستىدا ئىشقا سېلىنغان

" ئىقتىساد گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە يەنە، ئىشچى قىز گۈزەلنۇرنىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان، ئوخشاشلا ئۇنىڭمۇ نېمە سەۋەبتىن كېسەل بولۇپ قالغانلىقى ۋە قانداق كېسەل بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئىشچى قىزلار بىلەن بىۋاستە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدىنمۇ، ئىشچى قىزلارنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدىغانلىقى، مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىش ئەركىنلىكىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى " خىتاي ھۆكۈمىتى پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ خىتاي سوتچىسىنى تيەنجىن شەھىرىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى نازارەت قىلىشقا قوشۇپ ئەۋەتكەن" دېگەن تېمىدا مەخسۇس مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، تىيەنجىندىكى زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىغا بىر خىتاي سوتچىسىنىڭ، يەنە كېلىپ سوت مەھكىمىسى دىلو تۇرغۇزۇش كوللىگىيىسىنىڭ باشلىقىنىڭ مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئىسپاتلاپ تۇرماقتا " دەپ تەكىتلىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، "تىيەنجىندىكى ئۇيغۇر قىزلىرىغا بىر خىتاي سوتچىسىنىڭ مەسئۇل قىلىپ بەلگىلىنىشى، ئۇيغۇر قىزلىرىغا قارىتىلغان سىياسىي بېسىمنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ" دېدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.