خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش خىزمىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، پەقەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاست يېزىلىرىدىكى نەچچە ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر قىزلىرى، بېيجىڭ، تيەنجىن ، چىڭداۋ قاتارلىق جايلاردىكى زاۋۇت - كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
گەرچە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلەۋاتقان قىزلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ يۇقىرى مائاشقا ئېرىشىپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقانلىقى تىلغا ئىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىستانسىمىزنىڭ ھەقسىز تېلېفۇن لىنىيىسىگە كەلگەن ئىنكاسلاردىن ۋە مۇخبىرلىرىمىزنىڭ بىۋاستە ھالدا، قىزلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ھەمدە ئىشچى قىزلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىدىن، ئىش ھەققى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك ئۇنداق يۇقىرى ئەمەس ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئىش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى ئاشكارىلاندى.
يېقىندا شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ ئىككى ئۇيغۇر مۇخبىرى تىيەنجىندىكى زاۋۇتلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر قىزلىرى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، قىزلاردا زور ئۆزگىرىشلەرنى بايقىغانلىقىنى قىسقىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى قىزلارنىڭ ئىنتايىن بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز قىزلارنى زىيارەت قىلغان مۇخبىردىن بىۋاستە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئالىنۇرنى زىيارەت قىلدۇق .
تورداش دوستلار ، سىلەر مەزكۈر سۆھبەتتىن قىزلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى توغرىسىدا قانداق يەكۈن چىقىرىسىلەر؟
يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش زىيارىتىنىڭ داۋامىنى ئاڭلاڭلار.