خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىزلار قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە
2007.06.18
چەتئەلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دېھقانلارنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش دېگەن نام بىلەن، ئارتۇق ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى، بولۇپمۇ توي قىلمىغان ئۇيغۇر قىزلىرى ياكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر چوكانلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئېلىپ بېرىپ ئىشقا سېلىش ئەھۋالىنى ئۇيغۇرلارنى ئاسسمىلاتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەپ قاتتىق تەنقىد قىلماقتا ھەمدە بۇ ئەھۋالنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا بىلدۈرمەكتە.
خىتايلارنىڭ تەشۋىقاتى
ئەمما خىتاي ياش ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساس قىلغان ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا يۆتكەپ ئىشلىتىش ھەركىتىنى يەنىلا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 18 - كۈنى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدىن يەنە بىر مىڭ 600 ئادەم خىتايغا يۆتكەپ كېتىلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى نامرات دېھقانلارنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش دېگەن باھانە بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى بولۇپمۇ، ئاساسلىقى قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەركىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن تەڭرىتاغنىڭ 18 - ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى ئېشىنچى ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىشنى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى نۇقتىلىق كەسىپ قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، بۇ خىزمەتكە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتكەن.
ناھىيە يىللاردىن بۇيانقى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش خىزمىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە، ناھىيىگە مەبلەغ سالغىلى كەلگەن سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، ئېشىنچە ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئېشىنچى ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىشتىن بۇرۇنقى تەربىيىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ " قوش تىل" سەۋيىسى، قانۇن تۈزۈم كۆز قارىشى، ئەمگەك تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆستۈرگەن.
خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلىگىلى بارىدىغانلارغا بولغان ئەگەشمە مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، ناھىيە، يېزا رەھبەرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ كەسپىي خادىملىرىنى ئۇلار بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بىرگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلدۇرغان. ھەر قايسى يېزا - كەنتلەر پەرزەنتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشلىگىلى ئەۋەتكەن دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بەرگەن.
ناھىيىلىك پارتىكوم مەخسۇس ھال سوراش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەۋاتقانلاردىن ھال سورىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش خىزمەت ئەھۋالىدىن ئائىلىسىدىكىلەرنى خەۋەردار قىلىپ خاتىرجەم قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ ناھىيىدىكى دېھقان پەرزەنتلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئاكتىپلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، يىل بېشىدىن 6 - ئايغىچە جەمئى 14 تۈركۈمدە 1 مىڭ 630 ئېشىنچە ئەمگەكچى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشلىگىلى ئەۋەتىلگەن. ئۇلارنىڭ ئايلىق كىرىمى، 6 - 7 يۈز يۈەندىن كۆپىيىپ،ئەڭ يۇقىرى بولغانلارنىڭ 1 مىڭ 700 يۈەنگە يەتكەن.
ئەمەلىيەت، دەل خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەكسىچە
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بېرىلگەن مەلۇماتلاردا، يۇقىرىدا تەكىتلىنىلگىدەك خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان قىزلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ كۆپ پۇل تېپىپ، نامرات ئائىلىلىرىنى قامداۋاتقانلىقى ئېلان قىلىنىپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىستانسىمىزغا كېلىۋاتقان ئىنكاسلار شۇنىڭدەك ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرى ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن، ئۇيغۇر ئىشچى قىزلارنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا تىلغا ئىلىنغىنىدەك ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئالىنۇر، تىيەنجىندىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان قىزلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ماقالىسىدىمۇ ئوخشاشلا قىزلارنىڭ ناھايىتى يۇقىرى مۇئاش ئېلىپ ئائىلىسىگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقى، قىزلارنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر يېتەكچىلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا خاتىرجەم خوشال ياشاۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن ئىدى. بىراق زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقانلار ئىچىدە ئەڭ ئېغىر خىزمەت قىلىۋاتقان، يەنى ئايال كىشى تۇرۇقلۇق پادىچىلىق قىلىۋاتقان بىر چوكاننىڭ ئاران 600 يۈەن مۇئاش ئالىدىغانلىقى، قىزلارنىڭ يېتەكچى خادىملار بىلەن جېدەللىشىپ، خورلۇققا، كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقى، ھەتتا بىر قىسىم قىزلارنىڭ كېچىلىرى ياتاقتىن قېچىپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى قىزلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر
ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك غۇل - غۇلا قوزغاۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش مەسىلىسى، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە مۇنازىرە قوزغىدى.
مەلۇم بىر ئۇيغۇر تور بېتىدە، يەكەن ناھىيىسىدىن ئىچكىرىگە ئېلىپ چىقىلغان قىزلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى پاكىتلار بىلەن بايان قىلىنغان بولۇپ، يەكەن ناھىيىسىدىكى پاتىگۈل يۇنۇس بىلەن پاتىمە سېيىت ئىسىملىك ئىككى قىز، خىتايدا يولۇققان كەچۈرمىشلىرىنى تور بېتىدە ئېلان قىلغان.
قىزلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارغا ۋەدە قىلغان مائاشنى بەرمەيلا قالماستىن،"ئالە ماۋۇ سېنىڭ ئىش ھەققىڭ" دەپ، 1 يۈئەنلىك 5 مولۇق پۇللارنى ئۇلارنىڭ بېشىغا ئېتىپ، ئۇلارنى قاتتىق خورلىغان. قىزلار ھەر كۈنى 15 سائەت ئىشلىگەن، ئىش سالمىقىنى ئېغىرلىقىدىن ئىش ئۈستىدە ھۇشىدىن كەتكەن سەنەمگۈل سادىق ئىسىملىك بىر قىز 3 كۈنگىچە قاتتىق ئاغرىغان بولسىمۇ ھېچكىم ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارمىغان. پاتىگۈل بىلەن پاتىمە زاۋۇتتىن قاچقان چاغدا سەنەمگۈل يەنىلا ھۇشسىز ھالەتتە قالغان ئىكەن.
قىزلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ تېلېفۇن ئۇرۇش ئەركىنلىكىمۇ يوق بولۇپ، زاۋۇتتا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنى سىرتقا ئاڭلىتىش قاتتىق چەكلەنگەن. زاۋۇت خادىملىرى يەنە، تېخىمۇ كۆپ قىزلارنى زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلەشكە جەلپ قىلىش ئۈچۈن، كۆز بويامچىلىق قىلىپ، قوي سويۇپ، قىزلارغا مىزىلىك تائاملارنى بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى تېلېۋىزىيە فىلىمى قىلىپ ئىشلەپ، تەشۋىق قىلغان، ئەمىليەتتە ھەر كۈنلۈك تاماق بىر موما، خىتايلارنىڭ قۇرۇق شىفەن ئېشى بىلەن چەكلەنگەن.
مائاشلىرىنى ئالالمىغان 5 قىز، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەلگەن. نۆۋەتتە قىزلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى يېزا باشلىقلىرىنىڭ " بالاڭلارنى تېپىڭلار، بولمىسا 1500 يۈەن جەرىمانە تۆلەيسىلەر " دېگەن بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.، ئۆز ئۆيىگە قايتالماي قاڭقىراپ يۈرگەن قىزلار، ئەھۋالنى بېيجىڭغا ئەرز قىلىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، "ئەرزىمىز يەنىلا ئاقمايدۇ" دەپ ئۈمىدسىزلەنمەكتە ئىكەن.(ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئادىل سىز قەيەردە؟
- خىتاي ئولىمپىك تاۋارلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلاردا ئەمگەك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى
- شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇخبىرى ئالىنۇر بىلەن سۆھبەت (2)
- شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇخبىرى ئالىنۇر بىلەن سۆھبەت (1)
- تىيەنجىندىكى ئۇيغۇر ئىشچى قىزلارنى خىتاي سوت خادىمى نازارەت قىلماقتا
- قەشقەرلىك سودىگەر: "ئۇ قىزلار تيەنجىنگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىنگەن..."
- تىيەنجىندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەر،"- ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىڭلار...."
- ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- كىم كىمنىڭ دۈشمىنى؟ (2)