ئاشكارىلانغان سىرلار - يەركەندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى(1)

0:00 / 0:00

يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تور بەتلىرىدە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋىلايەتلەردىن ئىچكىرىدە "ھۈنەر" ئۆگىنىشكە يۆتكەپ ئاپىرىلغان قىزلارنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ مۇنازىرە بولۇپمۇ يېقىندا يەكەن ناھىيىسىدىن ئىچكىرىگە ئاپىرىلىپ ئۇ يەردىن قېچىپ چىققان قىزلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت خاتىرىسى بىر ئۇيغۇرچە بىر تور بەتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.

بۇ ۋەقە خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن " قارا خۇمدان ۋەقەسى" بىلەن ئوخشاش مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەردە ئىچكىرىگە"ھۈنەر ئۆگىنىش" ۋە"خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش" ۋەدىسى بىلەن يۆتكەلگەن بۇ قىزلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىماقتا.

ئىچكىرىدىن قېچىپ چىققان يەركەنتلىك قىزلار زىيارەت خاتىرىسىدە، ئىچكىرىگە يېزا ۋە كەنت باشلىقلىرىنىڭ مەجبۇرلىشىدا ئامالسىز بارغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ زور ۋەدىلەرنى بېرىپ يولغا سالغانلىقىنى، لېكىن ئىچكىرىگە بارغاندىن كېيىن كۈنىگە 17 سائەت ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى، كېسەل بولۇپ قالسا كارى بولمايلا قالماي، تىل - ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە مائاش بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە يەركەنتلىك قىزلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى پاش قىلىنغاندىن كېيىن، بىز بۇ قىزلارنىڭ يۇرتىدىكى يەرلىك دائىرىلەر ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىشىدىكى پىلان ۋە مەقسەتنى ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

يەركەنتلىك ئۇيغۇر قىزلار زادى قەيەردە ئىشلىمەكچى ئىدى؟

خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدىن قېچىپ چىققان 5 نەپەر ئۇيغۇر قىز، بۇ يىل 3 - ئايدا يەكەن ناھىيىسى كاچۇڭ يېزىسىدىكى113 نەپەر ئۇيغۇر قىز ۋە يەكەن ناھىيە بازىرىدىكى 100 نەپەر قىز بىلەن بىرگە ئىچكىرىگە قاراپ يولغا چىققاندا، خىتاينىڭ سەندۇڭ ئۆلكىسى خەيياڭ شەھىرىدىكى بىر فابرىكىدا ئىشلىگىلى بارىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.

يەركەنتلىك دائىرىلەر بولسا 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 213 نەپەر قىزنى ئۆزىگە خۇدابەردى، دەپ ئات قويۇۋالغان خۇ چاڭۋېي ئىسىملىك بىر ناتونۇش خىتايغا ئامانەتكە بەرگەن بولۇپ، خۇ چاڭۋېي قىزلارنى ئالدى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىگە ئېلىپ باراتتى ۋە بۇ يەردە قىزلارنى سەندۇڭنىڭ خەيياڭ شەھىرىدىكى بىر فابرىكىنىڭ ليۇ پەمىلىلىك خوجايىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى.

يېزا كادىرلىرى دېھقان قىزلىرىغا نىمىشقا بېسىم ئىشلەتتى ؟

قېچىپ چىققان 5 نەپەر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئىچىدىكى پاتىگۈل يۇنۇس بىلەن پاتىمە سېىيتلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان زىيارەت خاتىرىسىدە، خەيياڭدىكى فابرىكىدا ئىشلەۋاتقان يەركەنتلىك قىزلارنىڭ ئىچكىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، يېزا رەھبەرلىرىنىڭ نوپۇسىنى يىغىۋېلىپ،" "چىقمىساڭلار نوپۇسىڭلارنى بەرمەيمىز "، "چىقمىغانلارغا توي خېتى بېرىلمەيدۇ" ۋە " ئۆيۈڭلارنى چېقىپ تۈزلىۋېتىمىز " دېگەن تەھدىتى ئاستىدا يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەكەن ناھىيە كاچۇڭ يېزىسىنىڭ 9 - كەنت باشلىقى ئاۋۇت ھېيت ئىچكىرىدىكى قىزلار ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇيغۇر قىزلىرى " قارا خۇمدان ۋەقەسى" گە دۇچ كېلىۋاتامدۇ ؟

نۆۋەتتە قېچىپ چىققان بىر قىسىم قىزلار يۈرتىغا قايتىشتىن قورقۇپ ئۈرۈمچىدە مۆكۈپ يۈرمەكتە ئىكەن. بۇ ۋەقە شەنشىدىكى قارا خۇمدان ۋەقەسى خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور غۇلا -غۇلا قوزغاۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

خىتاي باش مىنىستىرى، چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ يىغىنىدا شەنشىدىكى ۋەقەنى " بۇ جىنايى گۇرۇھلارنىڭ قانۇنسىز ئادەم ئىشلىتىش مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، كىشىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش، كىشىلىك ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، بالىلارنى ئىشلىتىش ۋە قەستەن يارىلاندۇرۇپ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولۇش ۋەقەسى " دەپ تەرىپلىگەن.

خەۋەرلەردە ئىچكىرىگە ئەۋەتىلگەن قىزلار ئارىسىدا 14 - 15 ياشلاردىكى تولۇقسىز مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەن قىزلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئەركىن)