ئاشكارىلانغان سىرلار ‏- يەركەندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن قىزلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى (2)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىن ئىچكىرىگە يۆتكەلگەن بەزى ئۇيغۇر قىزلار يېقىندا سەندۇڭدىكى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان زاۋۇتتىن قېچىپ چىقىپ، "ھۈنەر ئۆگىنىش" ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە "قەددىنى كۆتىرىش" تەشۋىقاتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىچكىرىگە بارغان ئۇيغۇر قىزلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋاللارنى پاش قىلدى. بىز يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر قىزلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى، مائاش ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىك كاپالىتى شۇنداقلا خىزمەت ئورنى مەلۇم بولمىغان جايلارغا ئەۋەتىشكە تەۋەككۈلچىلىك قىلىشتىكى سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاش مەقسىدىدە، ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنى ۋە يەرلىك دېھقانلارنى ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىۋاتىمىز. قېچىپ چىققان ئۇيغۇر قىزلار نېمە ئۈچۈن يۇرتىغا بارالمايۋاتىدۇ ؟

يەرلىك كادىرلار قېچىپ چىققان قىزلارنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن ئۆچ ئېلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلسا، يەرلىك دىھقانلار ئىسيانچى قىزلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ھاشارغا تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

"سىلەرنى بىزگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن كىشىگە پۇلۇڭلارنى بېرىپ بولغان، سىلەرگە مائاش بېرىلمەيدۇ"

يەكەن ناھىيىسى بۇ يىل 3 - ئايدا 213 نەپەر ئۇيغۇر قىزنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە " ھۈنەر ئۆگىنىش " كە سەپەرۋەرلىك قىلغاندا، يەكەن ناھىيىسى كاچۇڭ يېزىسىنىڭ 8 - كەنتى مەزكۇر كەنتتىكى قىزلارنى بۇ سەپكە قوشقان بولۇپ، بۇ 13 قىزنىڭ ئىچىدىكى قۇرباننىسا نۇرمەمەت تېخى تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرمىگەن، رىسالەت تۇردىمەت بولسا ئەمدىلا 15 ياشتىكى سېكىلەك قىزلار ئىدى. قېچىپ چىققان قىزلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان زىيارەت خاتىرىلىرىدە، يەرلىك دائىرىلەر قىزلارنى ئىچكىرىگە "ئۆگىنىش باسقۇچىدا ھەر ئېيىغا 500 يۈەن، كېيىنچە 900 يۈەندىن 1100 يۈەنگىچە ئىش ھەققى بېرىمىز ۋە مائاشىڭلار ھەر ئايدا دەل ۋاقتىدا بېرىلىدۇ " دېگەن ۋەدىلەر بىلەن يولغا سالغانلىقىنى پاش قىلماقتا. لېكىن سەندۇڭدىكى يەركەنلىك قىزلار ئىشلەيدىغان فابرىكا، قىزلارنىڭ دەسلەپكى مائاشىنى ئۇلار 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى قېچىپ چىققانغا قەدەر بەرمىگەن.

قېچىپ چىققانلار ئىچىدىكى 8 - كەنتلىك پاتىگۈل يۇنۇس، "بىز ئۇلارغا مائاشىمىزنىڭ گېپىنى قىلساق، بىز سىلەرنى بىزگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن كىشىگە پۇلۇڭلارنى بېرىپ بولغان، سىلەرگە مائاش بېرىلمەيدۇ" دېگەن جاۋاپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاينىسانىڭ تاغىسى: " ھۆكۈمەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتىۋاتىمىز "

قېچىپ چىققان قىزلارنىڭ ئىستىقبالى نۆۋەتتە يەركەنلىك قىزلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنى قىزىقتۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بىز قېچىپ چىققان قىزلار نىمىشقا يۇرتىغا قايتالمايدۇ ؟ دېگەن مەسىلىنى سۈرۈشتۈرۈش مەقسىتىدە يەكەن ناھىيىسى كاچۇڭ يېزىسىنىڭ 8- كەنتىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، كەنت باشلىقى تۇرسۇن بارات سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

بىز ئىچكىرىدىن قاچقان قىزلارنىڭ ئاتا - ئانىسى نىمىشقا ھاشارغا تۇتۇلغانلىقىنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە كاچۇڭ يېزىسىنىڭ سۇ كادىرى ئەخەد ھوشۇرغا تېلېفون قىلىپ، ئاتا - ئانىلارنى ھاشارغا تۇتۇشنىڭ قاچقان قىزلاردىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ، سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاينىسا توختى، "ھۈنەر ئۆگىنىش،" مەقسىتىدە ئىچكىرىگە يۆتكەلگەن 8 - كەنتلىك قىزلارنىڭ بىرى. ئۇ، يېقىندا كاچۇڭدىكى ئاتا - ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ، كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن بېرى، توختاخۇنلار ئائىلىسى قىزىنىڭ ئەھۋالىدىن ناھايىتى قايغۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن قىزىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتقان ئائىلىلەردىندۇر. ئاينىسانىڭ تاغىسى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا " ھۆكۈمەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتىۋاتىمىز " دەيدۇ.

رايوندىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە ئىچكىرىدىكى ئىشلەمچى قىزلارنىڭ ئەھۋالى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان خەۋەرلەر بىلەن تولغانلىقىنى بەس مۇنازىرە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى رەسمىي مەتبۇئاتلىرى ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا ئوخشاش ياشاشنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ، ئۇلارنىڭ ئىچكىرىگە كېلىشتىكى مەقسىدى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ مەتبۇئاتلار ئۇيغۇر قىزلارنى ئىشلىتىۋاتقان بەزى فابرىكىلارنىڭ ئۆچكە سويۇپ سىنئالغۇغا ئالغانلىقىنى، قىزلارنى "بىزگە ياخشى قاراۋاتىدۇ" دېگۈزگەنلىكى، لېكىن گۆشنى قىزلارغا بەرمىگەنلىكتەك كۆز بويامچىلىقلار يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەرسىزدەك قىلاتتى. (ئەركىن)