2000 قىزنى ئۆز يۇرتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتكىلى بولامدۇ؟
2007.06.25
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش دېگەنگە ئوخشاش ناھايىتى چىرايلىق ناملار بىلەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت - كارخانىلاردا ئىشلىتىش مەسىلىسى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئىزچىل تۈردە قارشى تۇرۇپ كەلدى ۋە "نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆز يۇرتلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماي، تۇرمۇش ئۆرپ - ئادىتى، تىلى ۋە دىنى تامامەن ئوخشىمايدىغان خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؟"دېگەنگە ئوخشاش نارازىلىقلىرىنى بىلدۈردى شۇنىڭدەك قىزلارنىڭ تۈرلۈك پاجىئەلەرگە يولۇقىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىشقان ئىدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قىياس قىلغىنىدەك، نۆۋەتتە خىتايدىكى ئۇيغۇر قىزلىرى ھەر خىل ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلمەكتە ۋە كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى نارازىلىقىمۇ كۈندىن - كۈنگە كۈچەيمەكتە. دەل مۇشۇ پەيتتە، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا توقسۇ ناھىيەسىدىكى 2000 قىزنىڭ ئاقسۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەمدە قىزلارنىڭ ئالدى 1100 يۈەندىن مائاش ئېلىپ، بېيىش يولىغا قاراپ ماڭغانلىقى ئېلان قىلىندى.
بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، بۇنىڭ بىر ئالدامچىلىقتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بۇ مەسىلە ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى مۇخبىرىمىز ئەقىدەدىن ئاڭلايسىلەر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلارنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقۇقىغا كىم كاپالەتلىك قىلىدۇ؟
- خىتايدا بالا قۇللار ھەققىدە چىققان يېڭى ناخشا
- ھالاكەتكە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار
- ئاشكارىلانغان سىرلار - يەركەندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن قىزلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى (2)
- كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتىدىن يۆتكەپ قۇل قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇلاھىزىسى
- ئاشكارىلانغان سىرلار - يەركەندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى(1)
- خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىزلار قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە
- ئادىل سىز قەيەردە؟
- خىتاي ئولىمپىك تاۋارلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلاردا ئەمگەك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى
- شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇخبىرى ئالىنۇر بىلەن سۆھبەت (2)
- شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇخبىرى ئالىنۇر بىلەن سۆھبەت (1)
- تىيەنجىندىكى ئۇيغۇر ئىشچى قىزلارنى خىتاي سوت خادىمى نازارەت قىلماقتا