ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرى دەپ قارالغان ئۇيغۇر قىزلىرى نىمە ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش دېگەنگە ئوخشاش ناھايىتى چىرايلىق ناملار بىلەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا. بۇنىڭغا قارىتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرمۇ، "قىزلار نىمە ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماي، تىلى، دىنى ۋە ئۆرپ ‏- ئادەتلىرى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان باشقا بىر مىللەت بىلەن ياشاشقا مەجبۇرلىنىدۇ" دېگەن پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "1مىليون ئەمگەك كۈچى يۆتكەش پىلان قىلىنغان" مەزكۈر ستراتىگىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ سىياسەت، ئۇيغۇرلارنى بېيىتىشمۇ ياكى ئۇلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشمۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ، مەزكۈر سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىش نەتىجىسىدە بېيىش يولىغا قاراپ ماڭغانلىقى، ئىقتىسادىنىڭ تەدرىجى ياخشىلىنىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن توختىماستىن قارشىلىق بىلدۈرمەكتە.

ئەلۋەتتە ئەسلىدە ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تولىمۇ ياخشى بىر ئىش، ئۇنداقتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار نىمە ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۈر سىياسىتىگە قارشى چىقىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن قىزلىرىمىز ئاسسمىلاتسىيە بولۇپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئەندىشە قىلىدۇ؟

ئىستانسىمىز بۇ بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەھۋال ئىگىلەپ، دېھقانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىدىن، ئەگەر دېھقانلار قىزلىرىنى خىتاي يۇرتلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلىتىشكە قوشۇلمىسا جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىدىن، نوپۇسى ئۆچۈرلۈپ قارا نوپۇسقا ئايلىندىغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق.

دىھقانلار، قىزلىرىنى ئامالسىز چوڭ ئەرلەرگە ياتلىق قىلغان ياكى باشقا يۇرتلارغا قاچۇرغان

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن، ھەتتا ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ بىر قىسىملىرى قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىسىگە ئەۋەتىشتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، قىزلىرىنى يېشى ئالاھىدە چوڭ ئەرلەرگە ياتلىق قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى يەنە بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ، قىزلىرىنى باشقا يۇرتلاردىكى تۇققانلىرىنىڭ يېنىغا قاچۇرۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا يەنىلا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلرىدە خوشال - خورام ياشاپ، كۆپ پۇل تېپىپ ئاتا ‏- ئانىسىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقى، قىزلارنىڭ زاۋۇت مەسئۇللىرى ۋە يېتەكچىلىرى بىلەن دوستلۇق ئورنۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقانلىقى ئېلان قىلىنىپ تۇردى. دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خىتاينىڭ خەيياڭ شەھىرىدىكى يەركەنلىك 5 قىزنىڭ ئېچنىشلىق كەچۈرمىشلىرى مەلۇم بىر ئۇيغۇر تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.

يەركەنلىك 5 نەپەر ئۇيغۇر قىزى ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەلگەن

يەركەنلىك 5 نەپەر ئۇيغۇر قىزى، خىتاي زاۋۇتلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان خورلاش، كەمسىتىش ۋە تۈرلۈك بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، خىتاي ئۆلكىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەلگەن بولۇپ، لېكىن ئۇلار يېزا باشلىقلىرىنىڭ 1 يىللىق توختامنى بۇزغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئېغىر جازاغا تارتىلىش، ئۆيلىرىدىن مەھرۇم قېلىش تەھدىتلىرىدىن قورقۇپ يۇرتىغا قايتالماي تەمتىرەپ يۈرمەكتە ئىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىر تەرەپتىن قىزلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن قىزلارنىڭ خىتاي مىللىتىگە ئاسسمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ ستراتېگىيىسى ئۈستىدە جىددى تەدبىر قوللۇنۇشنى تەشەببۇس قىلماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى": ئەگەر، خىتاي ھۆكۈمىتى راستىنلا ئۇيغۇر دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولسا، نىمە ئۈچۈن 16 ‏- 17 ياشلىق قىزلارنى، تېخى توي قىلمىغان ئەمما بويىغا يەتكەن قىزلارنى ئۆز يۇرتىدىن، ئاتا ‏- ئانىسىدىن ئايرىپ تۇرۇپ، پۇل تاپقۇزۇشقا سالىدۇ، بۇ يەردە ئوچۇق ‏- ئاشكارە سىياسىي تۈس ئالغان، بىر مىللەتنى ئاسسمىلاتسىيە قىلىش مۇددىئاسى بار " دەپ كۆرسەتتى.

بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇزۇن مۇددەت بىرگە ياشىشى، ئەلۋەتتە بۇ ئىككى مىللەتنىڭ بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسۈتۈش ۋە بىر - بىرىنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرىنى سىڭدۈرۈش قاتارلىق ئامىللارنى شەكىللەندۈردىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىخەنزە شەھىرىدە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ئىلشات ئەپەندى": خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىرىگە يۆتكىشى ئۇيغۇرلارنى ئاسسمىلاتسىيە قىلىش قەدىمىنى ئاشكارە تېزلىتىش تاكتىكىسى" دېدى. (ئەقىدە)