خىتايدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان بىر ئۇيغۇر ئىشلەمچى قىزنىڭ سەرگۈزەشتىسى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا، ئىشسىز ئۇيغۇر يېزا قىزلىرىنى ئاساس قىلىپ تۈركۈملەپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكىمەكتە.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى باي قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە مېڭىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئۇلار بارغان جايلىرىدا يۇقىرى مائاش ۋە ياخشى شارائىتلارغا ئىگە بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى كۈچلۈك تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىلغاندىن كېيىن تۈرلۈك بېسىملار تۈپەيلى ئاخىرى قېچىپ كەلگەن ئاز قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەشۋىقاتتىكىدەك ئەمەسلىكى ئاشكارىلانماقتا.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئەنە شۇ خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ بىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئاپىرىلىپ يېقىندا قېچىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بىز بۇ ئۇيغۇر قىزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ دىققىتىڭلارغا سۇنماقچى بولغان مەزكۇر سۆھبەتتىكى،بۇ قىزغا ھەمدە ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىغا ئائىت بەزى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماسلىقنى توغرا كۆردۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىغا قۇلۇق سېلىڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا : ئۇيغۇر قىزلارنى ئىچكىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەش ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ بىر تۈرى
- ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرى دەپ قارالغان ئۇيغۇر قىزلىرى نىمە ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ؟
- 2000 قىزنى ئۆز يۇرتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتكىلى بولامدۇ؟
- خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلارنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقۇقىغا كىم كاپالەتلىك قىلىدۇ؟
- خىتايدا بالا قۇللار ھەققىدە چىققان يېڭى ناخشا
- ھالاكەتكە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار
- ئاشكارىلانغان سىرلار - يەركەندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن قىزلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى (2)
- ئاشكارىلانغان سىرلار - يەركەندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى(1)
- خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىزلار قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە
- ئادىل سىز قەيەردە؟
- شەنشىدىكى قارا خۇمداندىن بىر ئۇيغۇر بالا ئىشچى تېپىلدى
- خىتاي ئولىمپىك تاۋارلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلاردا ئەمگەك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى