خىتايدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان بىر ئۇيغۇر ئىشلەمچى قىزنىڭ سەرگۈزەشتىسى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا، ئىشسىز ئۇيغۇر يېزا قىزلىرىنى ئاساس قىلىپ تۈركۈملەپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكىمەكتە.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى باي قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە مېڭىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئۇلار بارغان جايلىرىدا يۇقىرى مائاش ۋە ياخشى شارائىتلارغا ئىگە بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى كۈچلۈك تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىلغاندىن كېيىن تۈرلۈك بېسىملار تۈپەيلى ئاخىرى قېچىپ كەلگەن ئاز قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەشۋىقاتتىكىدەك ئەمەسلىكى ئاشكارىلانماقتا.

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئەنە شۇ خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ بىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئاپىرىلىپ يېقىندا قېچىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بىز بۇ ئۇيغۇر قىزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ دىققىتىڭلارغا سۇنماقچى بولغان مەزكۇر سۆھبەتتىكى،بۇ قىزغا ھەمدە ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىغا ئائىت بەزى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماسلىقنى توغرا كۆردۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىغا قۇلۇق سېلىڭ.