0:00 / 0:00
ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىسى ئابدىرېشىت دۇگانوف 1974-يىلى 19-سېنتەبىردە قىرغىزىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ئابلىكىم ئاكا ئۇيغۇر ئېلىدىن قىرغىزىستاندا چىققان. ئابدىرېشىت كىچىكىدىن تارتىپلا تەنتەربىيىگە قىزىقىپ كەلگەن بولۇپ، كۆپ قېتىم خەلقئارالىق قول قايرىش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ يۇقىرى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ۋە قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق قول قايرىش مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغان.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ